باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

دوختۇر بولىمەن

ئابلەت مۇھەممەت

      بىركۈنى ئاپام قاتتىق ئاغرىپ قالدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالاقزادە بولۇپ نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدۇق. ئۆيىمىز ناھىيەدىن يىراق بولغاچقا دوختۇرخانىغا ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كېلەتتى، لېكىن شۇنچە كەچتە نەدىنمۇ ماشىنا تاپقىلى بولسۇن. ئاپام قاتتىق قىزىپ كەتكەنلىكتىن توختىماي ئىڭرايتتى، چىرايى سارغىيىپ باشقىچە بولۇپ كېتىۋاتاتتى، خۇددى ئاپامدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم. شۇ ۋاقىتتا ھەدەم جىددىي تەلەپپۇزدا: ‹‹دادا، قاسىم دوختۇرنى چاقىرىپ كېلەيمۇ؟›› دېدى. دادام خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك چىرايىغا خۇشاللىق يۈگۈردى – دە ‹‹بول قىزىم، دەرھال چاقىرىپ كەل!›› دېدى. ھەدەم يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى.

      قاسىم دوختور ئىككى يىل بۇرۇن يېزىلىق دوختۇرخانىدىن پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم دوختۇر بولۇپ، پېنسىيەگە چىققانلىقىغا قارىماي موھتاج بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلاتتى. يېرىم سائەتتىن كېيىن ھەدەم دوختۇرنى باشلاپ ئۆيگە كىردى. قاسىم دوختۇرمۇ تېز مېڭىپ ھاسىراپ كەتكەنىدى. قاسىم دوختۇر ئالدى بىلەن قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان ئوكۇل ئۇرۇپ، ئاندىن يەنە بىرنەچچە تال دورىنى ئىچكۈزۈپ، ئاپامنى ئەتە سەھەردە ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشىمىزنى ئېيتتى.

      ئەتىسى سەھەردە بىز ئاپامنى ئېلىپ ناھىيەگە ماڭدۇق. ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىكى دوختۇر ئاپامنىڭ يۇتقۇنچاق ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىنى، بىرنەچچە كۈن ئوكۇل ئاسقۇزسا ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئاپامنىڭ قىزىتمىسىنى ۋاقتىدا ياندۇرمىغان بولساق ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ قاسىم دوختۇردىن تېخىمۇ سۆيۈنۈپ كەتتۇق. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئاپام ساقىيىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەندىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ كەلگۈسىدە دوختۇر بولۇش ئىستىكى تۇغۇلدى.

(ئاپتور يېزا ئىگىلىك 14 – شىسى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدە)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر