باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

پەرزەنتىڭىزنى ئۇرماڭ

      بالىلارنى ئۇرۇشقا بولامدۇ؟ بالىلارنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئاتا – ئانىلارنى قىيناپ كېلىۋاتقان مەسىلە، بىرقىسىم ئاتا – ئانىلار ‹‹ھەرقانداق ئەھۋالدا بالىنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ››، ‹‹بالىنى ئۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ›› دەپ قارىسا، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر ‹‹ئۈچ ئېغىز ياخشى سۆز بىر قامچىغا دالدا بولالمايدۇ››، ‹‹زالىمدىن ئالىم چىقىدۇ››، ھەتتا ‹‹بالىنى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئۇرۇپ تۇرسا ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيدۇ›› دەپ قارايدۇ.

      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاتا – ئانىلارنىڭ كەيپىياتى ناچار ۋاقتىدا خىلمۇخىل باھانىلەر بىلەن بالىنى ئۇرۇشى خاتا ئىكەن. بالىنى ئۇرۇشنىڭ پايدىلىق تەرىپىمۇ، زىيانلىق تەرىپىمۇ بار بولۇپ، بالىنى پەقەتلا گەپكە كىرگۈزەلمىگەندە ۋە قايىل قىلالمىغاندا ئەدەپلەپ قويۇشنىڭمۇ زىيىنى يوق ئىكەن.

      كۆپ قىسىم ياش ئاتا – ئانىلار بالىسى كەپسىزلىك قىلغاندا ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەي بالىلىرىنى ئۇرىدۇ. لېكىن بالىسىنى ئۇرۇپ بولۇپلا ئازابلىنىدۇ. بالىنىڭ يېشى، ئىشنىڭ سەۋەبى قاتارلىقلار بويىچە بالىنى ئۇرۇش – ئۇرماسلىقنى بەلگىلەش كېرەك. ئاتا – ئانىلار چوقۇم كەيپىياتىنى نورماللاشتۇرۇشى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ بەك قاتتىق ئورۇۋەتمەي يېنىك ئۇرۇشى كېرەك. نوقۇپ قويۇش، سىلكىشلەش ئارقىلىقمۇ بالىنى ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ. بالىنى ئۇرغاندا چوقۇم ئۇنىڭغا بىرەر تەربىيە، قائىدىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىش كېرەك، بۇلمىسا بالىنى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن ياكى ئۇرۇنسىز ئۇرۇپ، تىللاشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ قالىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر