باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

ئالىمجان ئىسمايىل

 

 

      ئىجتىھاتلىق يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئالىمجان ئىسمايىل 1941 – يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرىنى چۆچەكتە ئالغاندىن كېيىن، 1955 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سابىق ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار مەكتىپىنىڭ مالىيە – ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1957 – يىلى 7 – ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەت تەقسىماتى بويىچە دەسلەپ قاراشەھەردە، كېيىن كورلىدا ئىشلىگەن. 1958 – يىلى ‹‹بايىنغولىن گېزىتى››گە يۆتكىلىپ، مۇخبىر ۋە ئەدەبىيات بېتىدە مۇھەررىر بولغان. 1963 – يىلى ‹‹بايىنغولىن گېزىتى›› نەشىردىن توختىتىلغاندىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يۇرتىغا ئالمىشىپ، كۇتۇپخانا ھەم ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1979 – يىلى كورلىدا ‹‹بوستان›› ناملىق ئەدەبىي ژۇرنالنى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان، 1980 – يىلى بۇ ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 1984 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ مۇھەررىر بولغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى.

      يازغۇچى ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ‹‹بايىنغولىن گېزىتى››دە ئىشلىگەن چاغلىرىدا قىسقا – قىسقا ئوچېرىكلارنى يېزىشتىن باشلانغان.

      ئۇ 1963 – يىلى چەتكە قېقىلىپ ئىجادىيەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان. شۇڭا ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمرى كىشىلەرنىڭ گۇمانلىق نەزەرى ئاستىدا ئۈن – تىنسىز ئىشلەش، يوشۇرۇن ھالدا كىتاب ئوقۇش ۋە تۇرمۇش تەسىراتلىرىدىن خاتىرە يېزىش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ پەقەت 1978 – يىلىغا كەلگەندىلا سىياسىي جەھەتتە ئۈزۈل – كېسىل ئاقلىنىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. 1979 – يىلى ‹‹بوستان›› ژۇرنىلىدا ئۇنىڭ ‹‹ساداقەت›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ ھېكايە ئىپادىلەشتىكى جانلىقلىقى ۋە يېشىمىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشى بىلەن كىتابخانلارنى جەلپ قىلىپ، ئاپتورنىڭ بەلگىلىك ئىجادىيەت ئىقتىدارى بارلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئالىمجان ئىسمايىل ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ‹‹ئاق چاچلىق كىشى››، ‹‹لەقەملەر سىرى››، ‹‹نەشپۈت ئۈزگەن كۈنلەردە››، ‹‹ئىجارە ھەققى››، ‹‹ئۆمۈر ئىزى›› قاتارلىق ھېكايىلىرى، ‹‹تەقدىر››، ‹‹يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ››، ‹‹ۋىسال يولىدا››، ‹‹سەھرالىقلار›› قاتارلىق پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنغان. ‹‹نەشپۈتزارلىقتا›› دېگەن درامىسى سەھنىلەردە ئوينالغان. 1985 – يىلى ‹‹دەسلەپكى مۇھەببەت›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، 1989 – يىلى ‹‹تەقدىر›› ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى، 1989 – يىلى ‹‹يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ›› ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ‹‹باشلامچى›› ناملىق ھېكايىسى 1984 – يىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ يېزا تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹نەشپۈت ئۈزگەن كۈنلەردە››، ‹‹ئىجارە ھەققى››، ‹‹ئۆمۈر ئىزى›› قاتارلىق ھېكايىلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

      ئالىمجان ئىسمايىل ئەسەرلىرىنىڭ دەۋر روھى كۈچلۈك، تېمىسى يېڭى، شەكلى خىلمۇخىل. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ھاياتىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەخت – سائادىتى، قايغۇ – ھەسرىتى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىتابخانلار ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ ھەر بىر ھېكايە ۋە پوۋېستىدىن دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ۋەقەلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئېنىق، پېرسوناژلار مۇناسىۋىتىدىكى مۇرەككەپلىكنىڭ قېزىلىشىمۇ مەلۇم چوڭقۇرلۇققا ئىگە.

      يازغۇچى ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ ھېكايە ۋە پوۋېستلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ساغلام، پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ يارىتىلىشى بىر قەدەر روشەن، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ھەم ئىپادىلەش ئۇسۇلى جانلىق بولۇپ، كىتابخانلار ئىچىدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە.

      ئالىمجان ئىسمايىل يەنە ئىقتىدارلىق ژۇرنالىست. ئۇ ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا، بۇ كەسىپكە قىزغىن مۇھەببەت باغلاپ، ئۇيغۇر پروزىسىنى گۈللەندۈرۈش، يازغۇچىلار قوشۇنىنى تەشكىللەش ۋە ئۆستۈرۈش يولىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر