باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

كىچىك رەسسام

ئەسقەر ئەھمىدى(تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز)

      يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نۇربىيە غۇلام سىزغان ‹‹تاجىك قىزى›› ناملىق ئەسەرنىڭ 2011 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ رەسىم مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم. سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ رەسىمگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى، دەرسلەردىمۇ ئەلاچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە مەكتىپىگە باردىم.

 

 
سۈرەتتە: نۇربىيە غۇلام رەسىم سىزماقتا.

      – نۇربىيەنى زىيارەت قىلماقچىمۇسىز؟ – دېدى ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مىركامىل ئابلىمىت مۇئەللىم ماڭا قىزغىنلىق بىلەن، – ئۇ رەسىم سىزىشتا ياخشى بولۇپلا قالماي يەنە دەرسلەردىمۇ ياخشى. مىركامىل مۇئەللىمدىن ئىگىلىشىمچە، نۇربىيە غۇلام 6 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى بولۇپ مەكتەپكە كىرگەن ئالتە يىلدىن بۇيان ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپتۇ. ئۇ رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغاچقا دەم ئېلىش كۈنلىرى رەسىم كۇرۇژۇكلىرىغا قاتنىشىپتۇ، ھەر كۈنى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تەكرار قىلىپ بولۇپ رەسىم سىزىشنى مەشىق قىپتۇ. سىنپنىڭ ‹‹قارا تاختا›› گېزىتىنى ئىزچىل مۇستەقىل ئىشلەپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپتۇ. قىيىنچىلىقى بارلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىپتۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن.

دەرستىن چۈشۈش قوڭقۇرىقى چېلىنىۋېدى كۆزلىرىدىن زېرەكلىك چىقىپ تۇرىدىغان نۇربىيە ئىشخانىغا سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى.

      – بۇ ئاكىڭىز سىزنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەپتۇ، – دېدى مىركامىل مۇئەللىم مېنى نۇربىيەگە تونۇشتۇرۇپ.

      – ئەمەلىيەتتە تەشۋىق قىلغۇدەك كۆپ ئارتۇقچىلىقىم يوق، – دېدى نۇربىيە كەمتەرلىك بىلەن.

      – رەسىم سىزىشقا قاچاندىن باشلاپ قىزىققانىدىڭىز؟ – دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

      – كىچىكىمدىلا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئاپام دائىم رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ بېرەتتى. مەن قەغەزگە دوراپ سىزاتتىم. ئاتا – ئانام قىزىقىشمغا ئاساسەن مېنى رەسىم كۇرسىغا بەردى. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ رەسىم سىزىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ھەر ئايدا ئۆزۈمگە رەسىم سىزىشتا ۋەزىپە بەلگىلىۋالىمەن. كەلگۈسىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچسام، غازى ئەمەت ئاكىدەك داڭلىق رەسسام بولسام دەيمەن، – دېدى ئۇ.

      نۇربىيە غۇلام ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالانغاندىن سىرت 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر