باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

رەڭگارەڭ كۈتۈپخانا

       ئۇچار كۇتۇپخانا ئامېرىكا ئالىياسكا شىتاتىنىڭ يېرى كەڭ، ئاھالىسى ئاز، قاتنىشى قولايسىز، ئەمما بۇ يەردە كىتاب ئوقۇش ئىنتايىن قولايلىق. ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن كىتاب ئارىيەت ئېلىش تالونىغا ئاساسەن كۇتۇپخانا كىتابنى ئايروپىلان بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

      مىكرو كۇتۇپخانا ئامېرىكىدا مىكرو كۇتۇپخانا بار، كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. بارلىق كىتابلارنى بىرنەچچە چامادانغا قاچىلاپ ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ.

      پوچتا ماركىسى كۇتۇپخانىسى ئەنگلىيەدە بىر پوچتا ماركىسى كۇتۇپخانىسى بار، كۇتۇپخانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوخشىمىغان دەۋرلەردە تارقاتقان پوچتا ماركىلىرى ساقلانغان. بۇلارنىڭ سانى 6 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ ماركا ھەۋەسكارلىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىدىغان مەنبەدۇر.

پويىز كۇتۇپخانا ئاۋسترىيە دائىرىلىرى ئاۋسترىيە پايتەختىدىن گوللاندىيە پايتەختىگىچە بولغان تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتنايدىغان پويىزدا مەخسۇس كۇتۇپخانا تەسىس قىلغان. بۇ كۇتۇپخانىدا ئايلىق بېلىتى بار يولۇچىلار ھەقسىز كىتاب ئوقۇيالايدۇ. كۇتۇپخانىدا 500 خىلدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان، ئەگەر يولۇچىلار مەنزىلگە بارغۇچە كىتابنى ئوقۇپ بولالمىسا تۆت ھەپتىگىچە داۋاملىق ئارىيەت ئالسا بولىدۇ.

      ھاراق تۈرىدىكى كۇتۇپخانا ياپونىيەدىكى ئاراخامادا ھاراقنى تۈرى بىلەن ساقلايدىغان مەخسۇس كۇتۇپخانا بار، ئۇنىڭدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ھاراقلىرى ۋە ھاراققا ئائىت نەچچە مىڭ پارچە كىتاب ساقلانغان.

ئابلەت مۇھەممەت توغراق (يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر