باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

چىدامچان كۈنلۈك

      بوران - چاپقۇن ۋە يامغۇرلۇق كۈنلەردە كۈنلۈك تەتۈر ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغان يۈ شۇمىڭ ئالتە - يەتتە بال بورانغا تاقابىل تۇرالايدىغان ‹‹چىدامچان كۈنلۈك›› كەشىپ قىلغان. ئۇ بۇ كۈنلۈكنى ئالتۇن بېلىقنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ئىلھاملىنىپ ياسىغان. يۈ شۇمىڭنىڭ دېيىشىچە، كۈنلۈك ئېچىلغاندا كۈنلۈكنىڭ ئىچى - سىرتىدا بېسىم پەرقى بولۇپ، كۈنلۈك يۈزىگە تۆشۈكچە ئېچىش ئارقىلىق كۈنلۈكنىڭ قاتلىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، ئادەتتىكى كۈنلۈكلەر ئۈچ - تۆت بال بوراندىلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ‹‹چىداملىق كۈنلۈك›› مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر