باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم

راھىلە ئابدۇللا

      ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ ئىنسان. ئۇ ئارقىلىق ئالىم، دوختۇر، دوكتۇرلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئوقۇتقۇچى دۇنيانى يورۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل بولۇپلا قالماستىن بىزگە مېھىر ئاتا قىلغۇچى كۆيۈمچان ئانا، مېھرىبان ئاتىدۇر.

      ئوقۇتقۇچىم تۇرسۇنگۈل مۇئەللىم ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، قارا قاش، قوي كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئىنتايىن كۆيۈمچان ئايال. ئۇ تولىمۇ ئاددىي – ساددا كىيىنىدۇ. بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

      بىر كۈنى تۇرسۇنگۈل مۇئەللىم قاتتىق ئاغرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا مەكتەپكە كەلدى. مەۋسۇم ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا ھەر قايسى سىنىپلار دەرس ۋە تەكرارنى كۈچەيتىۋاتقان ئىدى. تۇرسۇنگۈل مۇئەللىم مۇنبەردە ئاۋۋالقىدەكلا روھلۇق دەرس سۆزلەشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى، تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ بەكمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مۇئەللىمنىڭ ھالىغا قاراپ ‹‹ئاغرىپ قالغاندىكىن ئارام ئالسىچۇ›› دەپ ئويلاپ قالدىم ھەم پارتىنىڭ ئاستىغا چۆچەك كىتابىمنى تىقىپ قىزىقىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. تازا بېرىلىپ كىتاب ئوقۇۋاتسام تۇيۇقسىز تۇرسۇنگۈل مۇئەللىم:

      – راھىلە، بۈگۈنكى تېكىستنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى دەپ بېقىڭە؟ – دېدى.

      – بۇ تېكىستنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى...، – دۇدۇقلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. راستىنى ئېيتقاندا بۈگۈن مۇئەللىمنىڭ نېمە تېكىست سۆزلىگىنى پەقەتلا قۇلىقىمغا كىرمىگەنىدى.

      – ئولتۇرۇڭ، – دېدى مۇئەللىم خۇرسىنىپ، – دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىشخانىغا كىرىڭ، سىزگە بۇ دەرسنى قايتا ئۆتۈپ بېرەي. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا ھومىيىپ قارىشىدىن ‹‹مۇئەللىم ئاغرىق بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ دەرس ئۆتۈپ بېرىۋاتسا، سەن نېمىشقا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمايسەن؟ كەچتە يەنە ئۇنى جاپا چەككۈزىدىغان بولدۇڭ!›› دېگەن مەنالار چىقىپ تۇراتتى. مەن خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم.

      كەچتە تۇرسۇنگۈل مۇئەللىم ماڭا ئايرىم دەرس ئۆتۈپ بەردى. مەن ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم. ئاڭلىغانسېرى بۇ دەرس ئىنتايىن مەنىلىك بىلىندى.

      – ئەمدى چۈشەندىڭىزمۇ؟ – دېدى مۇئەللىم مۇلايىملىق بىلەن.

      – چۈشەندىم مۇئەللىم، – دېدىممەن خىجىل بولغان ھالدا، – سىزنى چارچىتىپ قويدۇم. ئەمدى دەرس ۋاقتىدا چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمەن.

شۇ ئىشتىن كېيىن ھەرقانداق دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان بولدۇم.

(ئاپتور يوپۇرغا ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

يېتەكچى: روزىمۇھەممەت تۇردى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر