باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

مېۋە - چېۋىلەردىكى ماركا چاپلانغان جاينى يېمەڭ

 

 

      قىسمەن مېۋىلەرگە ماركا ياكى سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ماركا چاپلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشى بۇنىڭغا دىققەت قىلماي، ماركىنى سويۇۋېتىپلا يۇيۇپ يېسە ھېچنىمە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ماركا چاپلانغان جاينى يېيىشكە بولمايدۇ.

      ماركا چاپلاشتا ئىشلىتىلگەن چاپلىغۇچ تەركىبىدە بېنزول، مېتىل بېنزول ھەم دى مېتىل بېنزول قاتارلىق زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار بولۇپ، مېۋىگە چاپلانغاندىن كېيىن يېمەكلىككە سىڭىپ كىرىدۇ، شۇڭا ماركا چاپلانغان مېۋىنىڭ پوستىنى ئەڭ ياخشىسى سويۇۋېتىپ يېگەن تۈزۈك. نۆۋەتتە بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر