باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

چەت ئەللەردىكى ‹‹ياشانغانلار بايرىمى››

      ئامېرىكىنىڭ ‹‹بوۋاي، مومايلار بايرىمى›› 1978 – يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كات لايىھەگە ئىمزا قويۇپ، ھەر يىلى 9 – ئايدىكى ئامېرىكا ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››دىن كېيىنكى بىرىنچى يەكشەنبە كۈنىنى ئامېرىكىنىڭ ‹‹بوۋاي، مومايلار بايرىمى›› قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش بايرىمى››دىن ئىبارەت.

      كانادانىڭ ‹‹كۈلكە بايرىمى›› ھەر يىلى 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كانادانىڭ ‹‹ياشانغانلار كۈنى›› بولۇپ بۇ يەنە ‹‹كۈلكە بايرىمى››مۇ دېيىلىدۇ. بۇ كۈنى ھەرقايسى كىتابخانىلاردا ياشانغانلار ئۈچۈن مەخسۇس تۈرلۈك يۇمۇرىستىك كىتاب – ژۇرناللار تەييارلىنىدۇ؛ ئارتىسلار ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ نومۇر كۆرسىتىدۇ؛ ياشلار ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ سەيلى – ساياھەتكە چىقىدۇ؛ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس ياشانغانلارنى كۈلدۈرىدىغان نومۇرلارنى قويىدۇ؛ كەچتە پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ ئائىلە شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

      ياپونىيەنىڭ ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش بايرىمى›› ھەر يىلى 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى – ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش بايرىمى››. بۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشانغانلار ئۈچۈن تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ياشانغانلار بايراملىق كىيىمىنى كىيىپ، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ بايراملىق سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە تۈرلۈك بايراملىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

      كورىيەنىڭ ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش بايرىمى›› كورىيە 1973 – يىلىدىن باشلاپ 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىكى ‹‹ئانىلار بايرىمى››نى ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش بايرىمى››غا ئۆزگەرتكەن. بۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە 70 ياشتىن ئاشقانلارغا ‹‹ئۆمۈرلۈك ئېتىبار گۇۋاھنامىسى›› تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش بايرىمى›› مەزگىلىدە تۈرلۈك شەكىلدىكى ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

      چىلىنىڭ ‹‹ياشانغانلار بايرىمى›› ۋە ‹‹ياشانغانلار ھەپتىسى›› چىلى ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىنى مەملىكەت بويىچە ‹‹ياشانغانلار بايرىمى›› ھەمدە 15 – چىسلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەپتىنى ‹‹ياشانغانلار ھەپتىسى›› قىلىپ بەلگىلىگەن. بۇ مەزگىلدە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

      گىرېتسىيەنىڭ ‹‹ياشانغانلار بايرىمى›› ھەر يىلى ئالتۇن كۈز پەسلىدە گرېتسىيە كىرېت ئارىلىدا بىر قۇتلۇق كۈننى تاللاپ ‹‹ياشانغانلار بايرىمى›› ئۆتكۈزىدۇ. بايراملىق پائالىيەتتە ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداشتىن باشقا يەنە ياشانغانلار يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 70 تىن 100 ياشقىچە بولغان ياشانغانلار قاتنىشىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر