باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

2 - مەنزىرە تەسۋىرىنىڭ مەزمۇنلىرى

       بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. ھەربىر مەنزىرىنىڭ ھالىتى، شەكلى، رەڭگى ۋە مەنزىرە تەسۋىرلىگەندە، بۇ مەزمۇنلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مەنزىرىلەرنى ئۆز ئەينى بويىچە تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ.

      تۆۋەندە بىز بۇ مەزمۇنلارنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز

      1. مەنزىرە ھالىتى

      بەزى مەنزىرە، كۆرۈنۈشلەرنى پەقەت ئۇلارنىڭ ھالىتى ۋە شەكلىنى يېزىش ئارقىلىقلا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆز ھالىتى ھەم شەكلى ئارقىلىق روشەن ئىپاىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مەنزىرىلەرنى يازغاندا ئۇلارنىڭ ھالىتىنى چىڭ تۇتۇپ يېزىشىمىز لازىم. مەسىلەن، ساۋاقداشلارنىڭ مەشىق ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى تەسۋىرلەردا مەنزىرىلەرنىڭ ھالىتى يېزىلغان.

      كۆك بىلەن بوي تالاشقان تۈپتۈز سۇۋادان تېرەكلەر سىنىپ ئالدىدا رەت رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

x       x       x       x       x  

      ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلار خۇددى يايلاقتا ئوتلاۋاتقان توپ – توپ قوي پادىلىرىغا ئوخشايتتى. بۇ تەسۋىرلەر گەرچە قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مەنزىرىنىڭ ھالىتى ئېنىق يېزىلغان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلالايدۇ.

      2. مەنزىرە رەڭگى

      ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭگى بولىدۇ. بەزى مەنزىرىلەرنى پەقەت رەڭگىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىقلا تولۇق ھەم روشەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئالاھىدىلىكى رەڭگى ئارقىلىق نامايان بولىدىغان مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇلارنىڭ رەڭ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىش لازىم. مەسىلەن ئىشخانا ئالدىدىكى رىشاتكىلىق ئېتىز رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. گۈللەرنڭ قىزىللىرى چوغقا، ئاقلىرى قارغا ئوخشايتتى.

x     x     x      x      x

      مەن ئارخىرى يايلاقنى كۆردۈم. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى باشقا جايلارنىڭ مۇھىتىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن. ساپ ھەم ئوچۇق ھاۋاسى كىشىگە يېنىكلىك ھەم شادلىق بېغىشلايدىكەن. ھەممە يەر يېشىل، خۇددى يېشىل دۇنيانىڭ ئۆزى. تۆت تەرەپ پۈتۈنلەي يېشىل تۆپىلىك بىلەن قاپلانغان. قويلار توپى بىردەم تۆپىلىككە چىقىدۇ. بىردەم پەسكە چۈشىدۇ. ئۇلار نەگە بارمىسۇن خۇددى يېشىل گېلەم ئۈستىگە ئاق گۈللەرنى چەككەندەك كۆرۈنىدۇ.

      بىز ساۋاقداشلارنىڭ مەشىق ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان بۇ تەسۋىرلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا خۇددى رەڭگارەڭ گۈللەرنى تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىۋاتقاندەك، ياپيېشىل يايلاقلاردا سەيلە قىلىپ يۈرگەندەك ھېسسىياتقا كېلىمىز. بۇ خىل ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشى بۇ تەسۋىرلەردە مەنزىرە رەڭگىنىڭ ئەينەن، تەبىئىي ھەم ئوبرازلىق يېزىلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

      3. مەنزىرە ئاۋازى

      بەزى ھاللاردا ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان مەنزىرىلەرنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روشەن ئاۋازغا ئىگە بولىدۇ. بۇ خىل ئاۋازلارنى جانلىق تەسۋىرلىگەندە، كىشىلەرنى خۇددى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاۋاتقاندەك، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك تەسىراتقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

      بەزى ساۋاقداشلار مەشىق ماقالىلىرىدا مەنزىرە ئاۋازىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن.

x        x           x          x        x

      يول بويىدىكى ئۆستەڭدە تاشتىن – تاشقا ئۇرۇلۇپ، ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان سۇلاردىن ھاسىل بولغان «شار – شۇر» ئاۋازلا كىشىلەرگە خۇددى «باھار كەلدى» دەۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

x       x        x          x           x

      كەچ كىرىش بىلەن تەڭلا غۇرقىراپ شامال چىقىشقا باشلىدى. ئىشىك ئالدىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر توختىماستىن ئېغاڭلاپ، خۇددى جۈپ – جۈپ قوللاردىن چىقىۋاتقان چاۋاك ساداسىدەك ئاۋاز چىقىراتتى.

      مانا بۇ تەسۋىرلەردە مەنزىرە ياكى شەيئى ئاۋازى نۇقتىلىق ھالدا تەسۋىرلەنگەن.

      مەنزىرە ياكى شەيئىلەرنىڭ ھالىتى، رەڭگى، ئاۋازى قاتارلىقلار يەككە – يېگانە مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇلار بەزى ھاللادا بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە شەيئىنىڭ خاسلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەنزىرىنى يازغاندا بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ يېزىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئىچكى باغلىنىشىغا ئاساسەن مۇكەممەل ھەم ئەينەن تەسۋىرلىشىمىز لازىم.

      ساۋاقداشلار، سىلەر ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا قەلبىڭلاردا كۈچلۈك ھاياجان قوزغىغان ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل مەنزىرىلەرنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىسىلەر. مەسىلەن، گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن دالا، باھار مەنزىرىسى، قار مەنزىرىسى، گۈزەل يايلاق، تەبىئي كۆللەر، دەريا ساھىللىرى، ئاپئاق پاختىزارلىق، مېۋىلىك باغلار... مانا بۇلار سىلەرنىڭ مەشىق ماقالەڭلەرنىڭ ئوبدان ماتېرىيالى. مانا بۇنداق مەنزىرىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن ماقالە يېزىپ مەشىق قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

 

 

مەنبە: ‹‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسى›› دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي