باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن رەقەملىك فوتوئاپپاراتىغا پىليۇنكا ئىشلىتىلمەيدۇ

      سىرتلارغا ساياھەتكە چىققاندا، بىز ھەمىشە فوتو ئاپپارات ئېلىۋېلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالىمىز.

      ئادەتتىكى فوتو ئاپپاراتلار ئوبيېكتىپ، زاتۋور ئارقىلىق مەنزىرىنى سۈرەتكە ئالىدۇ. مەنزىرىدىن قايتقان نۇر پىليونكىغا چۈشكەندە، پىليونكىغا سۈركەلگەن يورۇقلۇققا سەزگۈر دورىدا خىمىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تەسۋىر پەيدا قىلىدۇ. سۈرەت تارتىلىپ بولغان پىليونكا بىرقاتار خىمىيەلىك ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئوچۇق، رەڭلىك سۈرەتنى كۆرەلەيمىز.

      XX ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، كىشىلەر بىر خىل يېكى تىپتىكى فوتو ئاپپارات ــ رەقەملىك فوتو ئاپپاراتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ خىل فوتو ئاپپاراتمۇ ئوبيېكتىپ، زاتۋور ئارقىلىق مەنزىرىنى سۈرەتكە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇرغا سەزگۈر ئەسۋابى پىليونكا ئەمەس، بەلكى ئېلېكتىرونلۇق تەسۋىر سەزگۈچ بولىدۇ، ئۇ تەسۋىرنى پىليونكىغا ‹‹خاتىرىلىمەي››، مەنزىرىدىن قايتقان نۇرنى تەسۋىر سەزگۈچ ئارقىلىق رەقەملىك ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇپ تېز سۈرئەتلىك ساقلىغۇچتا ساقلايدۇ. رەقەملىك فوتو ئاپپاراتتا پىليونكا ئىشلىتىلمەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن سۈرەت تارتقاندا، خالىغان چاغدا ئۆزى رازى بولمىغان سۈرەتلەرنى يۇيۇۋەتكىلى، قايتا تارتقىلى بولىدۇ؛ ئەگەر ئاپپاراتقا سۈرەت ‹‹توشۇپ كەتسە›› ئۇنى قايسى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ، سۈرەتلەرنى كومپيۇتېرغا يۆتكەش ئارقىلىق يېڭى سۈرەت تارتىش بوشلۇقى ھازىرلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ سۈرەتلەرنى كومپيۇتېردا تۈرلۈك شەكىلدە بىر تەرەپ قىلغىلى، مەسىلەن، چوڭايتقىلى، كىچىكلەتكىلى، قوشقىلى، بىرلەشتۈرگىلى ياكى يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈرەت تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ كۆركەم بولىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي