باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

مەكتەپكە پىيادە بارغاندا دىققەتنى يىغقىلى بولىدىكەن

      مەكتەپكە پىيادە ياكى ۋېلىسىپىتلىك بېرىش بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئۇسۇل. بىراق پايدىسى بۇ بولۇپلا قالماستىن، مەكتەپكە پىيادە ياكى ۋېلىسىپىتلىك بارغان بالىلار دىققىتىنى ئەڭ ياخشى يىغالايدىكەن، ئاپتوموبىللاردا بارغان بالىلارنىڭ دىققەت يىغىشى ئاجىز كېلىدىكەن.

      دانىيەدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە بۇ تۈردە 5 — 19 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارغا دىققىتىنى يىغىش سىنىقى ئىشلىگەن. نەتىجىدە مەكتەپكە پىيادە ياكى ۋېلىسىپىتلىك بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىشى ياخشى بولغان ھەمدە بۇ تۈردىكى تەنھەرىكەت داۋاملاشقاندا، دىققىتىنى يىغىشىنى تەخمىنەن تۆت سائەت ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتقا مەسئۇل خادىمنىڭ دېيىىشىچە، مەكتەپكە پىيادە ياكى ۋېلىسىپىتلىك بارغاندا، مېڭىگە تېخىمۇ ياخشى ئوكسىگېن تولۇقلىنىپ، مېڭىنىڭ چارچىشى يېنىكلەپ، مېڭە سەگىدەپ قالىدىكەن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي