باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

دوستۇمنىڭ خېتى

(ھېكايە)

ئەخمەتجان ئابدۇللا

      بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا يوقاپ كەتكەن تىل – ئەدەبىيات كىتابىمنىڭ بۈگۈن 2 – سائەتلىك دەرستىن كېيىن تۇيۇقسىز پارتامنىڭ تارتمىسىدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەجەبلەندىم. ‹‹تۇرسۇن بۈگۈن مەكتەپكە كەلمىسە، كىتابىمنى قاچان قويۇپ قويغاندۇ؟›› دەپ ئويلىدىم. ‹‹گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ›› دېگەندەك بىر ھەپتىدىن بېرى كىتابىمنى ئېلىۋالدى، دەپ گۇمانلىنىپ كەلگەن ساۋاقدىشىم تۇرسۇنمۇ ئەمدى گۇماندىن ساقىت بولغانىدى. ئەسلىدە كىتابىمنى تۇرسۇن ئالمىغان ئىكەن – دە! بىكاردىنبىكار ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ يۈرۈپتىمەن. تۇرسۇنغا قىلغانلىرىمدىن ئۆزۈمچە خىجىل بولۇپ قالدىم. قولۇمدىكى چىرايلىق سۇلياۋ بىلەن تاشلانغان كىتابىممۇ خۇددى ‹‹ئىسىت، سەندەك چىدىماسنى، تارتماڭدا توپا بېسىپ بىكار تۇرسام تۇرىمەنۇ دوستۇڭغا بىرنەچچە كۈن ھەمراھ بولسام نېمە بوپتۇ؟›› دەپ تەنە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بار ۋاقتىدا ياخشى ساقلىماي يوقاپ كەتكەندە كۆزۈمگە سۈرتكۈدەك بولغان كىتابىمنى ئالدىراپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم. كىتابىمنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان خەتنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم.

      ‹‹دوستۇم بەھرام، ياخشىمۇسەن، كىتابىڭنى ۋاقتىدا قولۇڭغا تەگكۈزەلمىگەنلىكىمدىن خىجىلمەن. ئېسىڭدە قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى 5 – سائەتتىن كېيىنكى دەرس ئارىلىقىدا ئىككىمىز تىل – ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تېكىست يادلاش تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى گۈللۈككە چىقتۇق. بىردەمدىن كېيىن ئۆگىنىش ھەيئىتىمىز ئالىيە تىل – ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن دەرسىنى ئالماشتۇرغانلىقىنى، 6 – سائەتتە تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سەن بۇنى ئاڭلاپلا خۇشاللىقىڭدىن تەنتەربىيە كىيىمىڭنى ئالماشتۇرغىلى ئالدىراپ ياتاققا كىرىپ كەتتىڭ. شۇ چاغدا كىتابىڭنى گۈللۈك رىشاتكىسىغا قىستۇرۇپ قويغان ئىكەنسەن. كىتابىڭنى ئېلىپ مەنمۇ كىيىمىمنى ئالماشتۇرغىلى ياتاققا يۈگۈردۈم. مەن كىيىم ئالماشتۇرۇپ ياتاقتىن چىققاندا ئاللىقاچان دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ تەنتەربىيە مەيدانىغا يىغىلىپ بولغان ئىكەنسىلەر. شۇڭا، كىتابىڭنى تەنتەربىيە مەيدانىغا كۆتۈرۈپ چىقىشنى بىئەپ كۆرۈپ ياتاققا قويۇپ قويدۇم. دەرستىن كېيىن ئالدىراپلا ئۆيگە كېتىپتىمەن. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن كىتابىڭنىڭ ياتىقىمدا قالغانلىقى ئېسىمگە كەلدى. ئەتىسى سەھەردە مۇزاكىرە ۋاقتىدا بەرمەكچى بولدۇم. كىم بىلسۇن، شۇ كۈندىن باشلاپ ئاپام ئاغرىپ قالغاچقا بىرنەچچە كۈن رۇخسەت سوراپ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. شۇڭا، كىتابىڭ بىرنەچچە كۈن مەندە تۇرۇپ قالدى. تۈنۈگۈن سەھەردە مەكتەپكە كېلىپلا كىتابىڭنى بېرىش ئۈچۈن سىنىپقا كىرسەم پەيلىڭ بەك يامان. كىتابىڭنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن زارلىنىپ چالۋاقاپلا كېتىپسەن. ھېچقايسىمىزغا چىراي ئاچماي كىملەرنىدۇر ئاغزى – ئاغزىڭغا تەگمەي تىللاپ – قارغاپ كەتتىڭ. ‹قايسى يۈزى قېلىن ئوغرى ئالغاندۇ؟ خەپ، كىتابىمنى كىمنىڭ قولىدا كۆرۈپ قالسام شەرمەندە قىلمىسام...› دېگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ ئوڭايسىزلىنىپ كىتابىڭنى كەينىمگە يوشۇردۇم. ئەگەر شۇ چاغدا كىتابىڭنى ساڭا بەرسەم ئالدىڭدا ئۆزۈمنى قانداق ئاقلاشنى، ساۋاقداشلارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قالاتتىم. شۇنداق قىلىپ كىتابىڭ يەنە مەندە قالدى.

      بۈگۈن سەھەردە كىتابىڭنى تارتماڭغا سېلىپ قويدۇم. باشقىلارنىڭ ئوقۇشماستىن كىتابىڭنى ئېلىپ قويۇپ قولۇڭغا تەگمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ سەن كەلگۈچە ساقلاپ تۇردۇم. كىتابىڭنى قولۇڭغا تەگكۈزگەنلىكىمدىن خۇشالمەن. كىتابىڭنى ئۆزۈمدە بار سۇلياۋ تاش بىلەن تاشلاپ قويدۇم. ياقتۇرامسەنكىن بىلمىدىم››.

      خەتنى ئوقۇپ تۇرۇپلا قالدىم. ئەتىگەن سىنىپقا كىرگەندە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنى بىر – بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ماڭا ئوغرىدەك كۆرۈنگەن قارا كۆزلەر ئەمدى ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقاندەك تۇيۇلدى. خىجىللىقتىن تىترەۋاتقان قولۇمدىكى نامسىز خەتنى ئېلىپ دوستۇم كامىلنى ئىزدەپ يۈگۈردۈم.

(ئاپتور قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

  

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر