باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

بالىلاردىكى تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش(1)

      تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان كەم قانلىق بالىلاردا كۆرۈلىدىغان، كۆپىنچە ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن پەيدا بولىدىغان، كىلىنىكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇ، قاندا ماي ئۆرلەپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، قان بېسىم يۇقىرىلاش، مېڭە قان تومۇر كېسىلى، راك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئېنېرگىيەنىڭ ئادەم ئورگانىزمى ئېھتىياجىدىن ئارتىپ كېتىشى، ھەرىكەتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئېنېرگىيەنىڭ خورىشى زىيادە تۆۋەن بولۇشتەك ئامىل، شۇنداقلا بىيولوگىيەلىك ئامىل، پىسخىك ئامىل ھەم ئىجتىمائىي ئامىل بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.

      تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئادەتتە ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى زىيادە ‹‹ئەركە›› ئۆگىتىۋېتىش، بالىلارنىڭ غىزاسىنى بەك ئىنچىكە پىششىقلىۋىتىش نەتىجىسىدە، بالىلار ئوزۇقلۇقنى يېتەرلىك قوبۇل قىلالماي، مىنېرال ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىقماقتا.

      نېمە ئۈچۈن تۇرمۇش سۈپىتى ياخشىلانسىمۇ ئەكسىچە بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟ ئاساسلىقى بالىلارنىڭ يېمەك–ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ۋە تاماق تاللاش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ كېسەل كۆپىنچە ئالتە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە بالىلار بىلەن ئەمچەكتىن ئايرىلىش مەزگىلىدە بېقىلىشى مۇۋاپىق بولمىغان بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ۋاقتىدا تۆمۈر تولۇقلىماسلىقمۇ ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

      قانداق قىلغاندا تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر