باش بەت | پىسخىكا

بالىلار مۇستەقىل بولۇشى كېرەك

ئىمىن ھاشىم

      بەزى بالىلاردا ھەممە ئىشتا چوڭلارغا تايىنىۋالىدىغان يامان ئادەت بار. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى ئائىلە ئىشلىرىغا سالمايدۇ، ھەتتا كىتاب – ماتېرىياللىرىنى يىغىشتۇرۇش، شەخسىي تازىلىق قىلىش ئىشلىرىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ. بۇلار بالىلارغا كۆيۈنگەنلىك بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان ئىرادىلىك ئادەم بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر. كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆگەنگەن بالىلار مەسئۇلىيەتچان، غەيرەتلىك، ئىرادىلىك، ئىنكاسى تېز بولىدۇ. ئەكسىچە ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان بالىلار ھورۇن، بوشاڭ، چىدامسىز، مەسئۇلىيەتسىز، ۋاپاسىز، شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتمىگەن ئاساستا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئىقتىدارىنى كىچىكىدىن يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق.

(ئاپتور تېكەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر