باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

«نۇر چىقىرىدىغان ئەتىرگۈل»

      ئەنگلىيەدىكى بىر گۈل – گىياھ شىركىتى يېقىندا تۇنجى كېچىسى «نۇر چىقىرىدىغان ئەتىرگۈل»نى كەشىپ قىلغان، بۇ خىل ئەتىرگۈل كۈندۈزى ئادەتتىكى ئەتىرگۈلدەك كۆرۈنىدىكەن. قاراڭغۇ جايدا ۋە كېچىسى يېشىل نۇر چىقىرىدىكەن. لېكىن شىركەت بۇ گۈلنى كەشىپ قىلغاندىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىمىغان. بۇنداق چەكلىك «نۇر چىقىرالايدىغان ئەتىرگۈل» 22 – ئۆكتەبىردىن 31 – ئۆكتەبىرگىچە سېتىلغان بولۇپ، بېزەك چىراغلىرىدىن بىزار بولغان ۋە ئۆزگىچە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ خىل گۈلنىڭ باھاسى 501 يۈەندىن 751 يۈەنگىچە ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇنداق ئەتىرگۈل تۇنجى قېتىم ئەنگلىيە بازارلىرىدا سېتىلغان، ھازىر ئەنگلىيەلىك چولپانلار بۇ خىل گۈلنى تويىدا ئىشلىتىدىغان بولغان.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي