باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

خىجىللىق

گۈزەلنۇر تۇرسۇن

      4 – سائەتلىك دەرس ئاخىرلىشىش ئالدىدا مۇئەللىم چۈشتىن كېيىن سىناق ئالىدىغانلىقىنى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ياخشى تەكرار قىلىشىمىزنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.

      چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ساۋاقداشلار تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ تەكرار قىلىشقا باشلىدى. مەنمۇ تەكرار قىلماقچى بولدۇميۇ، مەيداندا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ چۇرقىراشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قالدىم. كۆڭلۈمدە ‹‹مۇئەللىم سىناقنى مەندىنلا ئالامتى؟›› دېگەنلەرنى ئويلاپ كىتابنى پارتامغا سېلىپ قويۇپ مەيدانغا يۈگۈردۈم.

       5 – سائەتلىك دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. مۇئەللىم يېنىك قەدەملىرى بىلەن سىنىپقا كىرىپ يوقلىما خاتىرىسىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى. ئەنسىرەشكە باشلىدىم. مۇئەللىم ئىسمىمنى چاقىرىپ قالسا قانداق قىلارمەن؟ ‹‹قورققانغا قوش كۆرۈنەر›› دېگەندەك مۇئەللىم بىرىنچى بولۇپ مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىردى. ‹‹گۈلمىرە›› دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەندىكىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، مۇئەللىم:

      — ئىملىق سۆز دېگەن نېمە؟ مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ، – دېدى. مەن تىرنىقىمنى تاتىلاپ يەرگە قاراپ تۇردۇم. مۇئەللىم يەنە:

      — تەڭداش سۆز دېگەنچۇ؟ – دەپ سورىدى.

      مەن يەنىلا ئۈندىمىدىم، ساۋاقداشلىرىم بەس – بەس بىلەن قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى تالىشىۋاتاتتى. شۇ تاپتا خىجىل بولغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇۋاتاتتىم. مۇئەللىم ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا:

      — ئولتۇرۇڭ، كېلەر سائەتتە قايتا سىناق ئالىمەن، – دەپ يوقلىما خاتىرىسىنى يېپىپ يېڭى دەرس سۆزلەشكە باشلىدى. مەن بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمەي قالدىم.

(ئاپتور يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 4 – سىنىپتا)

يېتەكچى: مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگ

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر