بېلىق گۆشى كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، بېلىقتا بىر خىل ئالاھىدە ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ‹‹خۇشاللىق ھورمۇنى››غا پايدىلىق. بېلىق گۆشى تەركىبىدە يەنە مول ماگنىي، بور بولۇپ، ماگنىينىڭ تىنىچلاندۇرۇش رولى بار. دائىم بېلىق گۆشى يەپ بەرسە جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىدۇ.
تاماكا ئىچكى تېرىلەر ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىراق بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا تاماكىنى ئۇزۇنغىچە تاشلىيالمىغاندا بېلىق گۆشىنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.