باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

تاللاش

      بىر ياساۋۇل يا ساتىدىغان بىر دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دېرىزىگە ناھايىتى چىرايلىق نەپىس ئىشلەنگەن بىر يانىڭ ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە دۇكانغا كىرىپ خوجايىنغا: ‹‹مەن دېرىزىگە ئېسىلغان ئاۋۇ يانى سېتىۋالماقچى!›› دەپتۇ. خوجايىن: ‹‹كەچۈرۈڭ، دېرىزىدىكى ئۇ يا پەقەتلا نۇسخا، ئۇ يا سېتىلمايدۇ. سېتىلىدىغان يالارنىڭ ھەممىسى بۇ ياقتا، قېنى بۇ يالاردىن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن بىرىنى تاللاڭ!›› دەپتۇ.

      ياساۋۇل دۇكاننى بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ھېچقايسى يانىڭ دەسلەپتە كۆرگەن يادەك چىرايلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىپتۇ ھەم: ‹‹مەن سىزگە باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ پۇل بەرسەممۇ مەيلى، ماڭا ئاشۇ يانى سېتىپ بېرىڭ!›› دەپتۇ. خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹سىز نۇسخىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ نۇسخا دېگەن پەقەتلا چىرايلىق شەكىلدىن ئىبارەت. ئۇ 24 سائەت ئاشۇ يەردە ئېسىقلىقلا تۇرىدۇ. ئۇ قارىماققا شۇنداق چىرايلىق، شۇنداق پۇختىدەك كۆرۈنسىمۇ بىراق ئۇ ئاللىبۇرۇن ئەۋرىشىملىكىنى يوقاتقان، سىزچە بۇنداق يانى يەنە ئىشلەتكىلى بولارمۇ؟ ھەقىقىي ئىشلەتكىلى بولىدىغان يا ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئەۋرىشىم بولىدۇ›› دەپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي