باش بەت | مەكتەپلەر

جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھەرلىك ‹‹شيۇجۇ›› ئوتتۇرا مەكتىپى

      جياشىڭ شەھەرلىك ‹‹شيۇجۇ›› ئوتتۇرا مەكتىپى 1900 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنداقلا ‹‹مەملىكەت بويىچە ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار مەكتەپ››، ‹‹مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىشچان 100 ياخشى مەكتەپ››، ‹‹جېجياڭ ئۆلكىسى بويىچە 100 كۈچلۈك مەكتەپ››. مەكتەپ 2006 - يىلى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، جەمئىي بەش قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، ھازىر ھەرقايسى يىللىقتىكى 16 سىنىپتا شىنجاڭلىق 670 ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.

      مەكتەپتە فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە ئىلغار تەجرىبىخانا، ئاسترونومىيە سۇپىسى، كومپيوتېرخانا قاتارلىق كۆپ خىل ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس دەرسخانا، شۇنىڭدەك تەنھەرىكەت مەيدانى، ۋاسكېتبول زالى، تىكتاك توپ زالى، تېننىس توپ زالى، ۋالىبول مەيدانى، چېنىقىش ئۆيى قاتارلىقلار بولۇپ، كۇتۇپخانىدا 60 مىڭدىن كۆپرەك كىتاب ساقلانغان. مەكتەپ مەكتەپ تورى ئېچىپ، ھەر بىر سىنىپتا كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

      مەكتەپتە ھازىر 52 سىنىپ، 2500دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بولۇپ، 189 ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىسى بار. مەكتەپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پەنلەر بويىچە ئالىي دەرىجىلىك زىيارەتچى ئالىم، جېجياڭ ئۆلكىلىك يېڭى دەرسلىك تەجرىبىسى مەخسۇس يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر تۈركۈم ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، شەھەر دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچى ۋە كەسپىي پەنلەر بويىچە باشلامچىلار بار.

      ‹‹شيۇجۇ›› ئوتتۇرا مەكتىپى مەكتەپنىڭ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ساپاسىنى يېتىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈردى ھەم ھەر خىل ئوقۇش مۇكاپات فوندى تەسىس قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى. مەكتەپ يەنە ئەنگلىيە، دانىيە، كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى بىر قانچە داڭلىق مەكتەپ بىلەن مەكتەپ دەرىجىسى بويىچە ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورناتتى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان