باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

سۇيۇقئاش

 

      خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 500 گرام، لوق گۆشتىن 200 گرام، تۇرۇپ، چامغۇر، بەرەنگە، شوخلا، قىزىلمۇچلاردىن يېرىم تالدىن، پالەكتىن ئۈچ تۈپ، يۇمغاقسۈتتىن ئىككى تۈپ، تۇز، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، سۇ يېغى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

      ئېتىش ئۇسۇلى:

      1. خېمىرنى لەڭمەن خېمىرىدەك يۇغۇرۇپ، پىلتە قىلىپ تىندۇرىمىز.

      2. گۆشنى مېغىزدەك توغراپ، قازاندىكى قىزىق ياغدا قورۇپ، تۇز، پىياز، جياڭيۇ، نېپىز توغرالغان بەرەنگە، چامغۇر، تۇرۇپلارنى سېلىپ پىششىق قورۇپ، يېتەرلىك سۇ قويۇپ قاينىتىمىز.

      3. پىلتىنى ئېشىپ چوكىدىن ئىنچىكرەك سوزۇپ، ئۈزۈپ قازانغا تاشلايمىز. خېمىرنىڭ ھەممىسىنى سېلىپ بولغاندا تۇز تەمىنى تەڭشەپ توغرالغان شوخلا، قىزىلمۇچ، پالەك، يۇمغاقسۈت سېلىپ ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ بىر ئۆرلىتىپ قاچىلارغا ئۇسساق بولىدۇ.

 

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر