باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

كۆرۈمسىز قەلەم

مەريەمگۈل ئابلىكىم

      توۋا، بۇ قەلەمنى كىم ئىشلىتىپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاندۇ؟ ئۇلار بۇنىڭ بىلەن خەت يازماي چاشقاندەك غاجىلىغاندەك قىلىدۇ. توغرا، بۇ قەلەم قانداق بولۇپ مېنىڭ پارتامغا كىرىپ قالغاندۇ؟

      بۈگۈن ئىمتىھان ئېلىناتتى. قوڭغۇراق چېلىنىپ نازارەتچىلەر سىنىپقا كىردى. ئىمتىھاننى بېرىپ يېرىمىغا كەلگەندە قەلىمىمنىڭ سىياھى تۈگەپ كەتتى. ئاپلا، قانداق قىلارمەن، ھازىر كىممۇ ماڭا قەلەم بېرىپ تۇرار؟ نېمىشقا قەلىمىمگە جىقراق سىياھ ئىچۈرمىگەندىمەن؟ جىددىيلەشكىنىمدىن ئۇياق – بۇياققا قارىدىم. ھەممەيلەن جىمجىت ئىمتىھان بېرىۋاتاتتى. توساتتىن ھېلىقى كۆرۈمسىز قەلەم ئېسىمگە كەلدى. مەن دەرھال پارتامدىن ئۇ قەلەمنى ئېلىپ يېزىپ باقتىم. قەلەمنىڭ سىرتى كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن ئۇچى سىلىق ئىدى. مەن بۇ كۆرۈمسىز قەلەم بىلەن ئىمتىھانىمنى داۋاملاشتۇردۇم.

ئىمتىھاندىن چىقىپ قولۇمدىكى قەلەمگە سەپسېلىپ قارىدىم. ئۇ ماڭا ئەمدى كۆرۈمسىز بىلىنمەيۋاتاتتى.

(ئاپتور مەكىت ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 2 – يىللىق 4 – سىنىپتا)

يېتەكچى: ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر