باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىڭىزنى كىتابقا قىزىقتۇرۇڭ

      بالىلاردا كىتاب كۆرۈش ئادىتىنىڭ بولۇش – بولماسلىقى ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا يېتەكلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسۇللار بالىلاردا ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ؟

      1. بالىڭىزنى گۆدەك ۋاقتىدىن باشلاپ كىتابخانىغا ئاپىرىش. بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ كۇتۇپخانىلاردا ئايلاندۇرۇش ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا پايدىلىق. ۋاقتىڭىز چىققاندا بالىڭىزنى كۇتۇپخانىغا ئاپىرىپ كۆڭۈل قويۇپ بىر – ئىككى پارچە ياخشى كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ.

       2. كىتاب سوۋغا قىلىش. بالىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، ھېيت – بايراملاردا، مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغان ۋاقىتلىرىدا كىتاب سوۋغا قىلىڭ.

       3. كىتاب ئوقۇشنى دىرامما ئويۇنىغا ئايلاندۇرۇش. بۇ نۇقتا يەسلى ئوقۇتۇشىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. بالىلار چۆچىكى ۋە ھېكايىلەرنى ئويۇن كۆرسىتىش شەكلىدە، رول ئېلىپ ئورۇنداش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

       4. ياقتۇرىدىغان ماتېرىياللارنى كىتاب شەكلىدە تۈزۈپ چىقىش. ئەگەر بالىڭىز بالىلار چۆچىكى ياكى ناخشا، شېئىرلارنى ياقتۇرسا سىز گېزىت – ژۇرنال ياكى باشقا ماتېرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇ خىل مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ، ناۋادا ئېسىل مەزمۇنلار ئۇچراپ قالسا كېسىپ ئېلىپ خاتىرىڭىزگە چاپلىۋېلىڭ ياكى خاتىرلىۋېلىڭ. ھەركۈنى كەچتىكى كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدا بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە خاتىرىدىكى مول مەزمۇنلاردىن بىللە بەھرىلىنىڭ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىڭىزنى خاتىرىدىكى مەزمۇنلارنى رەتلەش ۋە كىتابچە قىلىپ يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ ۋە يېتەكلەڭ. بالىلار ئۆزى قول سېلىپ لازىملىق بىلىملەرنى ئىگىلەشنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ.

       5. كىتاب كۆرۈش مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىش. ئەگەر بالىڭىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كىتاب كۆرۈش ئاساسى بولسا ئۇنىڭ كىتاب كۆرۈش مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىڭ. بۇ چاغدا نەزەر دائىرىنى بالىلار چۆچىكى ۋە كارتون ھەجۋى رەسىملىرىگىلا قارىتىۋالماي، بەزىبىر گېزىت – ژۇرنال ۋە مەشھۇر ئەسەرلەرنى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپ، بالىلارنى دەرستىن سىرتقى بىلىملىرىنى موللاشتۇرۇشقا يېتەكلەڭ.

        6. بالىلار ناخشىسى (شېئىرى) يادلىتىش. بالىلار ناخشىسى (شېئىرى)نىڭ تىلى ئاددىي، ئوبرازلىق، ۋەزنى روشەن، رىتىمى ئېنىق بولۇپ بالىلارنىڭ ھېس – تۇيغۇسىنى تاۋلاپ ئۇلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، گۆدەك بالىلارنىڭ جەمئىيەت ۋە تەبىئەتنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەقىل پاراسىتىنى ئېچىش، تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ.

       7. كىتاب بىلەن ياشاش، ياخشى ئادەت ھەرۋاقىت يېنىمىزدا بولۇشى كېرەك. كىتابنى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى قىلىش تېخىمۇ شۇنداق. ئائىلىدە كىتابنى ئۆيىڭىزنىڭ ‹‹بېزەك ماتېرىيالى›› دەپ قاراپ، كىتابنىڭ خۇشبۇي ھېدىنى ھەممە يەرگە تارقىتىڭ، مال سېتىۋېلىشقا چىققاندا كىتاب ئىشكابىڭىزنى كىتاب بىلەن موللاشتۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ، كىتابنى دائىم تۇرمۇشىڭىزدا پەيدا قىلىپ بىلىم ئېلىشنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنىڭ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر