باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ياڭراق ناخشىمىز بىلەن پارتىيە ۋە ۋەتىنىمىزنى مەدھىيەلەيلى

      پائالىيەت مەقسىتى

      1. پىيونېرلارنى ‹‹ئەترەت شېئىرى››نى ئېيتىشقا تەشكىللەپ، ئەترەت شېئىرىنىڭ ئەترەتنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

      2. ئەترەت شېئىرىدىن ئىستېتىك زوق ئېلىش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە شەرەپ – نومۇس تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىگە، سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ‹‹ئەترەت شېئىرى ياڭراش، ھەممەيلەن ئورتاق ئېيتىش››تەك كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

      يېتەكلەشتىكى مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا

      1. يېتەكلەشتىكى مۇھىم نۇقتا: ئەترەت شېئىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، پىيونېرلارنى ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

      2. يېتەكلەشتىكى قىيىن نۇقتا: پىيونېرلارنى ئەترەت شېئىرىنى ئېيتىش ۋە ئۆگىنىشكە يېتەكلىگەندە سەنئەت، ھېسسىيات، دەۋر ئامىلىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پىيونېرلارنى بەختىيار تۇرمۇشتىن لەززەت ئېلىشقا، پارتىيە، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشكە، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

      يېتەكلەش جەريانى

      ‹‹جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى ئاۋانگرات ئەترىتى››نىڭ ئەترەت شېئىرىدىن ھۇزۇرلىنىش.

      پىيونېرA: 1. پىيونېرلار، ئەترەت شېئىرىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىلەر؟ قېنى، بىرلىكتە ئېيتايلى. 2. نېمىنى ئويلىدىڭلار؟ قانداق ھېسسىياتقا كەلدىڭلار؟

پىيونېرB: قىپقىزىل گالىستۇكنى تاقاپ، ئەترەت شېئىرىنى ئېيتقاندا ئىنتايىن ھاياجاندۇق، روھىمىز تېخىمۇ ئۇرغىدى. بۇ ئەترەت شېئىرى بىزگە بەخش ئەتكەن تۈرتكە ۋە ئىلھامدۇر. ئەترەتنىڭ يەنە باشقا ناخشىلىرىنى ئۆگىنىشنى خالامسىلەر؟

   (كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ناخشىسى ناملىق كىنودىن ئارىيەنى قويۇش)

      پىيونېرA: 1. پىيونېرلار، ‹‹كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ناخشىسى›› فىلىمىدىن نېمىلەرنى كۆردۈڭلار؟ نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭلار؟ نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭلار؟

     (كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ناخشىسى››نىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىش)

      پىيونېرB: ‹‹كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ناخشىسى››دا 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىلللىرى جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدىكى جاپا – مۇشەققەتلىك كۈرەش مەزگىلىدە بالىلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كىچىك بولسىمۇ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ ‹‹قىزىل بالا›› ناملىق ھېكايە فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى سۈپىتىدە كەڭ تارقالغان.

      كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە (1927 – يىلىدىن 1937 – يىلىغىچە) ئىنقلابىي تايانچ بازىلاردا قۇرۇلغان ئەمگەكچى ئۆسمۈرلەرنىڭ تەشكىلاتى. ئەينى چاغدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىدا بالىلار ئىدارىسىنى تەسىس قىلىپ، بالىلار ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا مەسئۇل بولغان. بالىلار ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆسمۈر – بالىلارغا بولغان كوممۇنىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئۆسمۈر – بالىلارنى ئىنقىلابىي كۈرەشلەرگە قاتنىشىشقا، چامى يېتىدىغان ئىنقىلابىي خىزمەتلەرنى قىلىشقا، مەسىلەن، قاراۋۇللۇق قىلىش، يول باشلاش، خەت – چەكلەرنى يەتكۈزۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ھەمدە ئۇلارنى ئۆگىنىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى. تايانچ بازىلاردىكى ئۆسمۈرلەر ئۆمىكىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى كىچىك تۇرۇپلا ئىنقىلاپ يولىغا قەەم قويۇپ يېڭى جۇڭگونىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى.

      تەربىيەچىنىڭ خۇلاسىسى: كىنودىكى بالىلار ئۆمىكى ئەزالىرى ياشىغان شارائىت ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىت ناھايىتى ناچار بولسىمۇ لېكىن ئۇلار قەتئىي ئىشەنچ بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىستىخىيەلىك ھالدا تەشكىللىنىپ، دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى ھەمدە كىشىنى قايىل قىلىدىغان بالا قەھرىمان بولۇپ يېتىلگەنىكىنى ھېس قىلدۇق.

      (پىيونېرلارنى ناخشا تېكىستىنى رېتىملىق ئوقۇشقا يېتەكلەپ، ناخشىنىڭ كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇش. مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدۇ، تەربىيەچى ناخشىنى باشلاپ بېرىدۇ، پىيونېرلار تەربىيەچىگە ئەگىشىپ ناخشىنى رېتىملىق ئېيتىدۇ. ناخشا ئېيتىش بالىلار ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ قەيسەر روھىنى ھېس قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ)

      (پىيونېرلار تەسىراتلىرىنى سۆزلەيدۇ)

      پىيونېرB: ‹‹كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ناخشىسى››نى ئېيتقاندا ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنى ئويلىدىڭلارمۇ؟ يەنە نېمىلەرنى ئويلىدىڭلار؟

      پىيونېرA: ‹‹كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ناخشىسى›› بىزنى باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەتدۈرىدىغان پىيونېرلار ناخشىسى، بىز بۇ ناخشىنى ئېيتساق تېخىمۇ تىرىشىپ، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

      (باشقا بالىلار ناخشىسىدىن ھۇزۇرلىنىش، ‹‹قىزىل يۇلتۇز ناخشىسى››، ‹‹پادىچى ۋاڭ ئىر شياۋغا مەدھىيە››، ‹‹كۆڭۈللۈك بايرام››، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› قاتارلىق VCD پىلاستىنكىلىرىنى قويىلىدۇ، ئېيتالايدىغان پىيونېرلار قوشۇلۇپ ئېيتسا بولىدۇ)

       (پىيونېرلار قايسى ناخشىنى ياقتۇرغانلىقىنى سۆزلەيدۇ)

      پىيونېرB: يۇقىرىقى بالىلار ناخشىلىرىنىڭ بەزىلىرى باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بايراقچىغا ئوخشاش بىزنى كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرسە، يەنە بەزىلىرى قەدىناس دوستلارغا ئوخشاش بىزنى بىرلىكتە ئۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ. ئەترەت شېئىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىش بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتتى

      (ئوتتۇرا ئەترەت يەنە ‹‹ياڭراق ناخشىمىز بىلەن ۋەتەننى، پارتىيەنى مەدھىلەيلى›› دېگەن تېمىدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىنى تەشكىللەپ، قايسى كىچىك ئەترەتنىڭ ئەترەت شېئىرىنى كۆپ ئېيتقانلىقى، قايسى ئەترەتنىڭ ياخشى ئېيتقانلىقىنى سېلىشتۇرسا؛ قايسى پىيونېرنىڭ ئەترەت شېئىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا قاراپ تىرىشقانلىقىنى باھالىسا بولىدۇ)

      تەربىيەچى پائالىيەتنى خۇلاسىلەيدۇ.

      (ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ‹‹كوممۇنىستىك بالىلار ئۆمىكى ناخشىسى››نى ئېيتىپ چوڭلارغا ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش، ئاتا – ئانىلارنىڭ ياردىمىدە تورغا چىقىپ، پىيونېرلار ئەترىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەترەت ناخشىسىنى ئاڭلاش، ئۆگىنىش، ئېيتىش كېرەك)

گۈلمېرە ئەلى پاشا تەرجىمىسى 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر