باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

كىچىك پۇتبولچى

ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

      — ساۋاقداشلار ئاڭلىدىڭلارمۇ، 2012 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك چېمپىيون كوماندىلارنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئالىمجان پىشقان ماھىرلاردەك چەبدەس ھەرىكەتلىرى، ئۆزگىچە ماھارەتلىرى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ماھىرلىرىدىن توپنى ئەپچىللىك بىلەن تارتىۋېلىپ پۈتۈن مەيداندىكىلەر دىققىتىنى قوزغاپتۇ.

      — تېخى سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن مەيداننى زىلزىلىگە ساپتۇ.

      — ئالىمجان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ‹‹ئالتۇن كەش›› مۇكاپاتىغا ئېرىشپ مەكتەپكە، جۇملىدىن شىنجاڭ خەلقىگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈپتۇ.

      بۇ ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، 5 – يىللىق 6 – سىنىپنىڭ تەنتەربىيە ھەيئىتى ئالىمجان ئېلى. ئالىمجان كىچىكىدىنلا ئاكىسى بىلەن توپ ئويناپ چوڭ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى پۇتبول ھەۋەسكارى بولغاچقا توپنى خېلى ياخشى تېپەتتى. ئالىمجانمۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئاكىسىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ پۇتبولغا قىزىقىپ قالدى. ئۇ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەھەللىسىدە بالىلار بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە ھارماي توپ ئوينايتتى. ئۇخلىسىمۇ توپ تېپىپ چۈشەيتتى. ئالىمجان يەتتە ياشتا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشتى. ھەر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىككى سائەت توپ تېپىشنى مەشىق قىلدى. بوش ۋاقىتلىرىدا تېلېۋىزوردىن پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يېڭى تېخنىكىلىرىنى ئۆگەندى. ئاتا – ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ توپ تېپىشتىكى چاققان، چەبدەس ھەرىكەتلىرى، پۇتبولغا بولغان ھەۋىسىنى كۆرۈپ ئائىلىدىكى ئوزۇقلىنىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولدى. نەتىجىدە ئۇ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىدا سىستېملىق تەربىيەلىنىپ توپ تېپىش ماھارەتلىرىنى خېلى پۇختا ئىگىلىدى ۋە مەكتەپ، رايون، شەھەر، ئاپتونوم رايون، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق توپ تېپىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 

 

     سۈرەتتە: ئالىمجان(ئوڭدىن 1 – ئوقۇغۇچى) مۇسابىقە مەيدانىدا توپ تەپمەكتە

 ئالىمجان قاتناشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى 2011 – يىلى شەندۇڭ ۋېيفاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو 2 – نۆۋەتلىك ۋېيفاڭ ‹‹ئۈمىد›› لوڭقىسى خەلقئارا ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 13 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا ئالتۇن مېدالغا، 2012 – يىلى 7 – ئايدا يەنە مۇشۇ مۇسابىقە تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا، 8 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

      ئالىمجاننىڭ تىرېنېرى ئىسھاقجان مۇئەللىم مۇنداق دېدى: ئالىمجان كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاسى. بۇ ئوقۇغۇچىمنىڭ توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستۈن، سۈرئىتى تېز، توپنى ياخشى كونتىرول قىلالايدۇ، ئۇنىڭ كوماندىدا ‹‹كىچىك ھۇجۇمچى›› دېگەن نامى بار. ھەر قېتىملىق رايون، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ نەتىجە ئېلىشىمىزدا ئالىمجاننىڭ تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ. ئۇ مەكتىپىمىزنىڭ پەخرى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئوغۇللار پۇتبول كەسپىنىڭ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلۈشىدىكى ئۈمىد يۇلتۈزى.

      ئالىمجاننىڭ سىنىپ مەسئۇلى رازىيە مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە، ئالىمجان ھەر قېتىم مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن دەرستىن قالغاندا مۇسابىقىدىن قايتىپ كېلىپلا مۇئەللىمدىن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى سوراپ تولۇقلايدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر