باش بەت | چولپانلار

ۋارۇن بادورا

 

 

      ئىسىم - فامىلىسى: ۋارۇن بادورا

      تۇغۇلغان ۋاقتى: 1974 - يىلى 

      تۇغۇلغان جايى: ھىندىستان

      ۋارۇن بادورامۇ ھىندىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، يەتتە يىل ياردەمچى رېژىسسور بولۇپ ئىشلىگەن. ‹‹سۇيىقەست ۋە نىكاھ ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى نىراجى ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئارتىسلار ئۆز ئوبرازغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ بۇ رولنى ئېلىشنى خالىمىدى. ۋارۇن بادورا تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ مەجبۇرىيىتى بىلەن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ باش رولىنى ئالدى. شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ رول ئالغان تۇنجى فىلىمى ئىدى. ئۇ سەھنە ئەسىرىنى كۆرۈپ بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندى. بۇ رولنى ئۇ قايتا - قايتا مەشىق قىلدى ۋە تام خانكىس باش رول ئالغان ‹‹ئاگەننىڭ تەرجىمىھالى››دىن ئۈلگە ئالدى ۋە ئىلھاملاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رولنى ئېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. رولدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ياش يىگىت نىراجىنىڭ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

      بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن ۋارۇن بادوراغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالدى ھەمدە تاماشىبىنلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان داڭلىق چولپانغا ئايلاندى.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر