باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشتا

      بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئويۇنلار تىكتاك توپ ئويناشتىن باشقا يەنە شاھمات ئويناشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ خىل ئويۇنلار بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئالتە ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 170 بالىغا بىر يىل سىناق ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بىر يىل شاھمات ئويناش جەريانىدا دىققەت - ئېتىبارى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى ھەمدە سۈرىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، كىچىك بالىلار ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىۋەرسىمۇ بولمايدىكەن، سىرتلارغا چىقىپ دوستلىرى بىلەن ئوينىغاندىمۇ زېھنى ئېچىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشى بىلەن ئويۇن ئوينىشىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە پايدىسى كۆپ بولىدىكەن. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئاتا - ئانىلارنىڭ ھاراق ئىچىپ تاماكا چېكىشى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان