باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

قۇشلار كۈلەلەمدۇ

      قۇشلار ناخشا ئېيتالايدۇ. قۇشلار توپلانغان جايلاردا ئۇلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. جىگدىچى بىلەن شاتۇتى تېخى ئادەملەرنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ. بىراق، سىز كۈلەلەيدىغان قۇشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئاۋستىرالىيەدە كەمدىنكەم ئۇچرايدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ ئۇنىڭ ئاۋازى ئادەمنىڭ كۈلگەن ئاۋازىغا ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، شۇڭا ئۇ ‹‹كۈلگۈنچەك قۇش›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سايرىغاندا ئاۋازى دەسلەپتە بوش، كېيىن بارغانچە جاراڭلىق ئاڭلىنىدۇ. شۇ تەرىقىدە يېرىم مىنۇتتىن كۆپرەك سايرىيالايدۇ. بىر قۇش سايرىسا باشقا قۇشلارمۇ ئۇنىڭغا جور بولۇپ سايرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى بەس – بەستە توختىماي سايرىشىپ ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرۈۋېتىدۇ. كۈلگۈنچەك قۇش جايكىدىن چوڭراق، لېكىن ئۇنىڭدىن چىرايلىق. ئۇنىڭ ئېغىزى قىزىل، پەنجىلىرى سېرىق بولىدۇ. پۈتۈن بەدىنى ئاق، كۆك، كۈمۈش رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان. بىرازىلىيەنىڭ ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ‹‹قوڭغۇراق قۇشقاچ›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇش بار. تومۇز ئىسسىق بولۇپ ئورمانلىقتا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندە ئاۋازى يېقىملىق، پەيلىرى گۈزەل بۇ قۇش خۇشال كۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ كۈلكىسى جاراڭلىق ھەم ياڭراق بولۇپ خۇددى قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدەك ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەر ئىككى – ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ بۇ قۇشنىڭ يېقىملىق كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر