باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

موماينىڭ ئوغرى تۇتۇشى

      ھىندىستاننىڭ كارارا شىتاتى يېزىسىدا بىر ئوغرى بار ئىكەن. ئۇ ھەمىشە كېچىسى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ نەرسە – كېرەكلەرنى ئوغرىلايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ خوشنا يېزىدىكى مارىيە دېگەن ئايالنىڭ تولىمۇ تىرىشچان ھەم تېجەشلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ.

      — بۇ مومايدا چوقۇم پۇل كۆپ، – دەپتۇ ئاياللارنىڭ بىرى.

      — شۇنى دېمەمدىغان، ئۇ ئادەتتە بىر پۇڭ، ئىككى پۇڭنىمۇ تەستە خەجلەيدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا پۇللىرىنى يىغىپ قويۇۋاتقانلىقى چوقۇم، — دەپتۇ يەنە بىرى.

      ئوغرى بۇ ئىككى ئايالنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سوراپ يۈرۈپ، ئاخىرى موماينىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى بىلىۋاپتۇ.

      ئوغرى شۇ كۈنى كەچتە مارىينىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا بېرىش قارارىغا كەپتۇ. ئۇ ئۆگزىگە چىقىپ، پالما دەرىخى يوپۇرمىقىدا يېپىلغان ئۆگزىنى ئاستا ئېچىشقا باشلاپتۇ.

      مارىيا ئۆگزىدىكى تىۋىشنى ئاڭلاپ ئوغرى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. قانداق قلىش كېرەك؟ ئۇ ئاخىرى بىر ئامال ئويلاپ قويۇپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى ئاۋىلەن تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانىكەن، موماي قەستەن ۋارقىراپ:

      — ئاۋىلەن ئوغلۇم، تورۇستىكى پۇل ساندۇقى جايىدىمۇ؟ دەپتۇ.

      ئوغرى بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇشال بوپتۇ، ئۇ كۆڭلىدە پۇل ساندۇقىنى ئاسانلا قولغا  چۈشۈرۈدىغان بولدۇم، سەكرەپ سالامەت تورۇسقا چۈشسەملا، پۇل ساندۇقىنى ئالالايمەن دەپ ئويلاپتۇ. ئوغرى ئەسلىدە موماي پۇلنى تاختاينىڭ ئاسىتىغا يوشۇرغان بولۇشى كېرەك دەپ پەرەز قىلغانىكەن. بۈگۈن ھەممە يەر قاراڭغۇ بولسىمۇ، پۇل ساندۇقىنى ئېلىپ مېڭىش قىيىن ئەمەس ئىكەن.

      ئوغرى ئۆگزىدىن چۈشسەم تورۇسقا چۈشىمەن دەپ ئويلاپ، ئۈستىدىن تۇرۇپ سەكرەپتىكەن، بۇ ئۆينىڭ ئايرىم تورۇسى بولمىغاچقا، 20 نەچچە ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان يەردىن «پوك» قىلىپ يەرگە چۈشۈپ، بەدەنلىرى يارىلىنىپتۇ، ئۇ يارىلانغان جاينىڭ ئاغرىقىغا چىدىماي:

      — ھوي ئەسكى قېرى، سەن نېمە ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىپ مېنى ئالدايسەن، — دەپ ۋايسىغىلى تۇرۇپتۇ.

شۇنداق قىلىپ موماي ئوغرىنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: مېھراي