باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قانداق چوكىلارنى ئىشلەتسە ئەڭ ياخشى

 

 

      تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر يېمەكلىكنىڭ رەڭگى، پۇرقى، تەمى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپلا قالماستىن، چوكىلارنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ ئىشلىتىدىغان بولدى. سالامەتلىككە پايدىلىق ھەم ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە چوكىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش مۇھىم مەسىلە.

      ئەڭ يېڭى چوكا بامبۇك چوكا بولۇپ، ئۇ زەھەرسىز ھەم زىيانسىز، مۇھىت بۇلغىمايدۇ. يەنە ئەسلى رەڭدىكى ياغاچ چوكىلارنىمۇ تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەكسىچە سىرلانغان چوكىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، سىر تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال قوغۇشۇن، ھەتتا ئورگانىك ئېرىتكۈچى ماددىلار راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر