باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

دوختۇر ماشىنا ئادەم

      يېقىندا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شامېن شەھىرىدىكى بىر جۇڭيىچە دورا يەرلىك پەن – تېخنىكا ئورنى «ماشىنا جۇڭيى دوختۇرى» تەتقىقات تۈرىنى لايىھەلەپ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ماشىنا دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلارغا ئىشقا چۈشىدىكەن.

      بۇ خىل «ماشىنا جۇڭيى دوختۇرى» نىڭ ئىلمىي ئاتىلىشى «جۇڭيىچە تىلغا قارا دىياگنوز قويۇپ، ساغلاملىق توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش سىستېمىسى» بولۇپ، ئاساسلىقى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. كىشىلەرگە قانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە دورا يېيىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ. «ماشىنا جۇڭيى دوختۇرى» كومپيۇتېر، رەقەملىك ئاپپارات يورۇتۇش چىرىغى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. ئاغرىقلار كېسەل كۆرسەتكەندە ئېڭىكىنى ماشىنا ئادەمنىڭ بەلگىلىگەن ئورنىغا قويۇپ تىلىنى چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا رەقەملىك ئاپپارات ئاپتوماتىك ھالدا ئاغرىقنىڭ تىلىنى سۈرەتكە تارتىپ، كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدۇ. سىستېما ئاغرىقنىڭ تىل سۈرىتىگە قاراپ تۇرۇپ دىياگنوز قويىدۇ ھەمدە مۇشۇ بويىچە كېسەللىككە قارىتا دورا رېتسېپى تۈزۈپ بېرىدۇ. پۈتۈن جەريانغا پەقەت ئۈچ مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي