باش بەت | پىسخىكا

پىسخىكىلىق كونترول قىلىش بالىلارنى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ

      چىلى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا – ئانىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن كونترول قىلىشى بالىلاردا ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاتا – ئانىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن كونترول قىلىشى بىر خىل مەجبۇرىلاش خاراكتېرىدىكى قىلمىش بولۇپ، پەرزەنتلەرگە ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك غۇرۇرىدىن مەھرۇم قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىپ، بالىلارنى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ھەتتە ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشىگە ئەرزىيدىغان – ئەرزىمەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان قىلىپ قويىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاكتىپ پىسخىكىلىق كونترول قىلىش بالىلارنىڭ خاراكتېر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئائىلە باشلىقى بالىغا تەربىيە بەرگەندە، بالىغا ‹‹گەرچە بىز سېنىڭ ئوسال ئىپادەڭدىن خاپا بولغان بولساقمۇ، بىراق بۇ بىزنىڭ سېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ›› دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشى كېرەك ئىكەن.

 

 

مەنبە: ماتېرىيالدىن تەھرىر: مېھراي