باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مېنىڭ ئارزۇيۇم

مەخبۇبەم تېيىپجان

      بالىلارنىڭ ھەرخىل ئارزۇ – ئارمانلىرى بولىدۇ. بەزىلەر دوختۇر، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، بەزىلەر چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مېنىڭ ئارزۇيۇم بەكمۇ ئاددىي. مەن پەقەت ئاپامنىڭ مېنى باغرىغا بېسىشنى، پېشانەمگە سۆيۈپ قويۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

      ئېسىمنى بىلسەم ئاپامنىڭ مېنى قۇچاقلاپ قويغىنىنى، سۆيۈپ قويغىنىنى بىلمەيمەن. ئۇ دائىم مېنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، ھەممە ئىشىمدىن پۇتاق چىقىرىدۇ. بەزىدە قانداق قىلىشىنى بىلمەي قالىمەن.

      شۇ قېتىمقى ئىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. كۆڭلۈمدە ئاپام بىلسە چوقۇم مېنى ماختايدۇ، مەندىن پەخىرلىنىپ پېشانەمگە سۆيۈپ قويىدۇ، دەپ ئويلىدىم. ئۆيگە كېلىپ ئاپامغا شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتسەم ئاپام: ‹‹بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى، تېخىمۇ تىرىشىشىڭ كېرەك، بولمىسا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ خام خىيال قىلما!›› دېدى. بۇ گەپلەر يۈرىكىمگە خەنجەردەك ئۇرۇلدى. يۈگۈرگەن پېتى ھۇجرامغا كىرىپ خېلى ئۇزۇنغىچە يىغلىدىم. م ەن ئاپامنىڭ مېنى ئانچە – مۇنچە ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئاپىسىدەك مېھرىبانلىق بىلەن باغرىغا بېسىشىنى، پېشانەمگە سۆيۈپ مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 8 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر