باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ئۈچ خۇرۇچلۇق تۈرمەل

 

  ئاساسلىق ماتېرىيالى: ئۇن، كۈدە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پىنتوزا، تۇخۇم، ھۆل كىراخمال، تۇز ، زىرە، قارامۇچ، ئاقمۇچ قاتالىقلار.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: ماتېرىياللارنى يۇيۇپ تەييارلايمىز، ئاندىن ئۇششاق توغرايمىز. تۇخۇمنى ياغدا پۇشۇرىمىز، ئاندىن ئۇششاق توغرايمىز. خېمىرنى چوقۇم پېتىر قىلىپ يۇغۇرىمىز. مۇۋاپىق ئۈزۈپ جىلتە ئاچىمىز. توغرالغان ماتېرىياللارنىڭ تەمىنى تېتىپ تەملەندۇرىمىز، ئاندىن تۈگىمىز. 2 بارماق شەكىلدە بولسا بولىدۇ. خېمىرنىڭ ياخشى چاپلىشىشى ئۈچۈن ھۆل كىراخمال بىلەن ھۆللەيمىز. تۈگۈپ بولغان تۈرمەلنى تەخسىگە تىزىمىز.

  پۇشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ پەس ئوتتا بىر - بىرلەپ داغلاپ پۇشۇرۇپ ئېلىپ، زىرە، قارامۇچ، ئاقمۇچنى سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر