باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

بالىلاردىكى تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش(2)

       1. بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوزۇقلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش: ئوزۇقشۇناسلىقتىكى ‹‹نېمە يېيىش››، ‹‹قانچىلىك يېيىش››، ‹‹قانداق يېيىش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىدىن تەركىب تاپقان كۆپ خىل ئوخشىمىغان يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ بېرىش؛ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتى، يەنى، پۈتۈن كۈنلۈك ئوزۇقلۇقنى بەلگىلىك يېمەكلىك قۇرۇلمىسى، مىقدارى، قەرەللىك ۋاقىت بويىچە تەقسىملەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، چۈنكى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتى بېكىتىلگەندىن كېيىن بەدەندە بىر خىل شەرتلىك رېفلېكىس پەيدا بولۇپ، پەقەت تاماق ۋاقتى توشقاندا ئىشتىھا ئېچىلىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىرىلىدۇ؛ ئوزۇقلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، يېمەكلىك تۈرلىرى تولۇق، مىقدارى مۇۋاپىق، ئېھتىياجغا ماس كېلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

      2. ئوزۇقلىنىشتا ئاقسىل مىقدارى مول بولۇش: ئاقسىل ئادەم ئورگانىزمىنى تەشكىللىگۈچى مۇھىم ماددا بولۇپ، ئورگانىزمدىكى ھەرخىل توقۇلما، مۇسكۇل، سۆڭەك، تېرە، نېرىپ قاتارلىقلاردا ئاقسىل تەركىبىي مەۋجۇت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆسۈپ–يېتىلىشنىڭ ماددىي ئاساسى ئاقسىلدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلىق مەزگىلىدە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. بۇنداق يېمەكلىكلەر: كالا، قوي گۆشى؛ توخۇ، ئۆردەك، غاز، بۆدۈنە گۆشى؛ توخۇ، ئۆردەك، غاز، بۆدۈنە تۇخۇمى؛ بېلىق، راك، قىسقۇچ پاقا قاتارلىقلار. پۇرچاق تۈرىدىكىلەردىن: سېرىق پۇرچاق، چوڭ كۆك پۇرچاق ۋە قارا پۇرچاقتىمۇ ئاقسىل مىقدارى مول بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، كۈنجۈت، گازىر، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى ۋە قارىغاي ئۇرۇقى قاتارلىق قۇرۇق يېمىشلەردىمۇ ئاقسىل مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.

      3. تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش: تۆمۈر ماددىسى ئەڭ كۆپ بولغان يېمەكلىك ھايۋانلارنىڭ قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىدىن جىگەردە مول بولىدۇ. بەزى بالىلاردا ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، تاماق تاللاش كۆرۈلۈپ گۆش، تۇخۇم قاتارلىق تۆمۈر مول يېمەكلىكلەرنى يېمىسە، تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي، ئوڭايلا كەم قانلىق يۈز بېرىدۇ، شۇڭا تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىق لازىم.

      4. مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش: تاماقتىن كېيىن مېۋە شەربىتى (ئەڭ ياخشىسى ئائىلىلەردە تەييارلانغان مېۋە شەربىتى) ئىچىش ياكى مېۋىنى بىۋاسىتە يەپ بېرىش كېرەك. تاماق ۋاقتىدا – تاماقتىن كېيىن ۋىتامىن C بىلەن ئورگانىك كىسلاتا بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ بەرگەندە، تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      5. تاماق ۋاقتىدا ۋە تاماقتىن كېيىن قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەسلىك ۋە ئازراق ئىچىش: چاي يوپۇرمىقىدا تانىك كىسلاتاسى (酸鞣) بولۇپ، ئۇ يېمەكلىكتىكى ئۈچ ۋالېنتلىق تۆمۈر بىلەن بىرىكىش نەتىجىسىدە، ئېرىمەيدىغان چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر بەدەنگە سۈمۈرۈلمەيدۇ. ئۇزاق مەزگىل قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچكەندە، تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     6. تۆمۈر تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش: تۆمۈر تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەر: جاڭيۇ، پېچىنە–پىرەنىك، تاتلىق–تۈرۈم قاتارلىقلار. تۆمۈر قازاندا تاماق ئېتىش ۋە قورۇما قورۇشمۇ بۇنىڭ بىر تۈرى.

      7. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ياكى ئاز يېيىش: ياغلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

 

مەنبە: تەھرىر: رەيھانگۈل