باش بەت | سەيلىگاھلار

قىزىل سۇ ئامبىرى

     قۇربان مولىنىياز 

       قىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ‹‹بىرىنچى سۇ ئۈستى باغچىسى›› دېگەن نامى بار، بۇ ئامبار باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ سۇ ئامبىرىنى تاغلار قورشاپ تۇرغاچقا، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن غەربىي دىيارنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك قىياپىتى ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن. قىزىل سۇ ئامبىرى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سۇ تۈگۈن قۇرۇلۇشى بولۇپ، سۇ ئامبىرى قىزىل كۆلى بىلەن تۇتۇشىدۇ. سۇ مەنبەسى تەڭرىتاغدىن ئېقىپ چۈشكەن قار سۈيى ۋە باي ناھىيەسىدىكى بەش دەريانىڭ سۈيىدىن ھاسىل بولغان. ئومۇمىي كۆلىمى 44.6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

      قىزىل سۇ ئامبىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇغىرىش، توك تارقىتىش، سەيلە – ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان – شىنجاڭ يوغانباش بېلىقىنىڭ ياشاش ماكانىدۇر. ھازىر بۇ جاي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم سەيلىگاھقا ئايلاندى.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر