باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

‹‹تىنانىك››نىڭ چۆكۈپ كېتىشىنىڭ سىرى

      ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىگە يۈز يىل بولغان بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى غولغۇلىسى بېسىققىنى يوق. ‹‹تىتانىك ناملىق پاراخوت›› فىلىمىدىكى ‹‹تىتانىك››نىڭ رىۋايىتى پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. 15 – ئاپرېل ‹‹تىتانىك››نىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنىڭ يۈز يىللىق خاتىرە كۈنى. ‹‹چۆكمەس پاراخوت›› دەپ ئاتالغان بۇ پاراخوت تۇنجى سەپىرىدىلا چۆكۈپ كەتتى. پاراخوتتىكى 1500دىن ئارتۇق ئادەم بەختكە قارشى دېڭىزغا غەرق بولدى. بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.

      1912 – يىلى 15 – ئاپرېل سەھەردە ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخوت «تىتانىك» ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى. 10 – ئاپرېل ‹‹تىتانىك››نىڭ ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئامپتوندىن يولغا چىقىپ قىلغان تۇنجى سەپىرى ئاخىرقى سەپەر بولۇپ قالدى. يۈز يىل ئۆتۈپ كەتتى، كىشىلەر ئۇنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنىڭ سىرى ھەققىدە ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشتى.

      ئاي تېرىغان بالا – قازامۇ

      ئامېرىكىلىق فىزىك ئورسىن بىلەن دوشىر مۇنداق دەيدۇ: ‹‹تىتانىك››نىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى ئاي ئېلىپ كەلگەن بالا، دېيىشكە بولىدۇ. 1912 – يىلى 4 – يانۋار يەر شارى قۇياش، ئاي بىلەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كېلىپ، ئاي بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى 1400 يىل مابەينىدىكى ئەڭ قىسقا ئارىلىققا كەلگەن. بۇ چاغدا ئاينىڭ دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىشىگە بولغان تارتىش كۈچى ئادەتتىكىدىن 74 پىرسەنت ئاشقان. دېڭىز سۈيىنىڭ توختىماستىن شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلىشى بىلەن غايەت زور مۇز تاغ گرېنلاند ئارىلىدىكى مۇزلۇقتىن ئايرىلىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا لەيلەپ كەلگەن. ئۈچ ئايدىن كېيىن ‹‹تىتانىك››قا سوقۇلغان.

     

      ئالۋۇنمۇ

      ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس مارتىن مۇنداق دېگەن: ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە ئاتمۇسفېرادا يورۇقلۇقنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سۇنۇشىغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، بۇ دېڭىزدا ئالۋۇن پەيدا قىلغان. ئالۋۇن بولغاچقا ‹‹تىتانىك››تىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇز تاغنى كۆرەلمەي قالغان، بۇ ‹‹تىتانىك››نىڭ يېقىن ئەتراپتىكى پاراخوتلار بىلەن ئالاقىلىشىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزگەن.

      پەرچىن مىخلارنىڭ سۈپىتى ناچارمۇ

      ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى فوك بىلەن ماككايت مۇنداق قارىغان: ئۇنىڭ كىچىك زاپچاسلىرىدىن چاتاق چىققان. ئەينى چاغدا غايەت زور پاراخوتلارغا تەخمىنەن 3 مىليون پەرچىن مىخ كېتەتتى. پاراخوت زاۋۇتىدىكىلەر ‹‹تىتانىك››نى قۇراشتۇرغاندا مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا پاراخوتنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇق تەرىپىگە بىرقىسىم سۈپىتى ناچار تۆمۈر پەرچىن مىخلارنى ئىشلەتكەن. ‹‹تىتانىك›› مۇز تاغقا سوقۇلغاندا ئەڭ ئاۋۋال پاراخوتنىڭ بېشىدىكى پەرچىن مىخلار سۇنغان.

      رولچىلارنىڭ خاتالىقىمۇ

      ‹‹تىتانىك››نىڭ ئىككىنچى قول ياردەمچىسى لايتولنىڭ نەۋرىسى — ئەنگلىيەلىك ئايال يازغۇچى پاتون مۇنداق دەيدۇ: ئەينى چاغدا باش ياردەمچى رولنى ئوڭغا بۇراش بۇيرۇقىنى بەرگەن بولسىمۇ رولچىلار تەمتىرەپ كەتكەچكە رولنى خاتا بۇرىغان، بۇنىڭ بىلەن پاراخوت مۇز تاغقا سوقۇلغان. شۇڭا، پاجىئە كېلىپ چىققان.

      سۈيقەستمۇ

      ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى گادېنو بىلەن نيوتۇن ‹‹سۈيقەست نەزىرىيەسى››نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى چاغدا ئاتلانتىك ئوكيانغا چۆكۈپ كەتكىنى «تىتانىك» ئەمەس، بەلكى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ‹‹ئولىمپىك›› ناملىق پاراخوت. ئۇلار ھەر ئىككىسىلا ‹‹ئاق يۇلتۇز›› پاراخوت شىركىتىگە تەۋە، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئوخشىمىغاندىن باشقا سىرتقى قىياپىتى ئوپئوخشاش. ‹‹ئاق يۇلتۇز›› شىركىتى زور سوممىلىق سۇغۇرتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوغرىلىقچە ئالماشتۇرۇۋېتىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنى ياسىغان.

      يۈز يىل ئۆتۈپ كەتتى. ‹‹تىتانىك››نىڭ چۆكۈپ كېتىشى يەنىلا سىر بولۇپ تۇرماقتا، بۇ پاراخوتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھازىر رىۋايەتكە ئايلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. فىلىمدە 26 ياشلىق سىمسىز تېلېگرافچى فىلىپىس تاكى پاراخوت دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەنگە قەدەر توختىماي قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقىتىدۇ، دىرىژور خاتلېي ئوركېستىرغا باشچىلىق قىلىپ يەتتە نەپەر مۇزىكانت بىلەن يولۇچىلارغا تەسەللى بېرىپ، مۇڭلۇق مىلودېيەسىنى تاكى دېڭىز سۈيى ئۇلارنى پاراخوت پالۇبىسىدىن ئېقىتىپ كەتكۈچە ياڭرىتىدۇ...

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر