باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئانا ۋەتىنىم

مەرھابائاي ئابلىز

      مەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا ۋەتىنىمنى سۆيىمەن. ئانا ۋەتىنىمنىڭ پايانسىز يايلاقلىرىنى، بۈك – باراقسان ئورمانلىقلىرىنى ۋە باغۇبوستانلىقلىرىنى سۆيىمەن. كۆڭلى – كۆكسى دەريادەك كەڭ، سېخىي، ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان خەلقىمنى تېخىمۇ سۆيىمەن. شۇڭا، مەن ئانا ۋەتىنىمنىڭ زۇمرەتتەك سۇلىرىنى ئىچىپ، ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسلىنىپ، غۇبارسىز بالىلىقىمنى تاتلىق ئەسلىمىلەرگە تولدۇرۇپ خاتىرجەم چوڭ بولماقتىمەن.

      ئېھ ئانا ۋەتەن، سانسىزلىغان باتۇر ئوغلانلىرىڭ سېنى گۈللەندۈرۈش يولىدا جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، سېنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتىدۇ. ئەنە، ساقچى تاغا – ھەدىلەر بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتىدۇ. ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن سائەت – سائەتلەپ ئوپېراتسىيە قىلىۋاتىدۇ. دۆلەت مۇداپىيەسىنى قوغدايدىغان جەڭچى تاغىلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئىش ئورنىدا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىدۇ.

      ئانا ۋەتەن، سەن دىلىمنى مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، غەيرەت – شىجائىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردۇڭ. ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈردۈڭ. سېنى سۆيىمەن. سېنى مەڭگۈ ياد ئېتىمەن ھەم كۈيلەيمەن، سېنىڭ گۈللەپ، ياشنىشىڭ، گۈزەل ماكانغا ئايلىنىشىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ ئوقۇپ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

(ئاپتور ئارا تۈرك تۇزكۆل ياتاقلىق مەكتەپ 6 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر