باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

قايتىدىن باشلاش

      بىر سودىگەر سودىدا چوڭ زىيان تارتىپ، بىر ھەپتە ئىچىدىلا مىليونېردىن بىراقلا نامرات ئادەمگە ئايلىنىپ باشقىلارغا نۇرغۇن قەرز بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتتىق مەيۈسلىنىپ ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ دەريا بويىغا بېرىپتۇ.

      بىر بېلىقچى بوۋاي ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، دەرھال يېنىغا كېلىپ: ‹‹سىز تېخى ياشكەنسىز، ئۆلۈۋالغۇدەك نېمە ئىش كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەنىدى؟›› دەپ سوراپتۇ.

      سودىگەر ئاھ ئۇرۇپ: ‹‹بىر چوڭ سودىدا ئالدىنىپ قالدىم، ھازىر شۇنچىلىك قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتىم، قەرز ئىگىلىرى ھەر كۈنى قەرزنى سۈيلەپ كەينىمگە كىرىۋېلىپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ، ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ مىليونېر ئىكەنلىكىمنى، تۇرمۇشۇمنىڭ باي – باياشاد ئىكەنلىكىنى، ئائىلەمنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى، بىراق ھازىر مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى، خوتۇن، بالىلىرىمنى جاپاغا سېلىپ قويغانلىقىمنى ئويلاپ، بۇ ھاياتىمدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدىم›› دەپتۇ.

      — سىز قانداق قىلىپ مىليونېر بولغانىدىڭىز؟

      — مەن ئىلگىرى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن.

      — سىز شۇ چاغلاردا ئۆزىڭىزدىن رازىمىدىڭىز؟

      — ئۇ چاغلاردا مەن ئۆزۈمگە ناھايىتى ئىشىنەتتىم، كۈچ – قۇۋۋەتكە ۋە ئۈمىدكە تولغانىدىم، ھەر قانداق بىر پۇرسەت بولسىلا، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋېلىشقا تىرىشاتتىم. راستتىنى ئېيتسام، ئۇ چاغدا مېنىڭ سودىدا ھەقىقەتەن تالانتىم بار ئىدى.

      بوۋاي سودىگەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بېلىق سېۋىتىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپتۇ ھەم: ‹‹قاراڭ سېۋەتنىڭ ئىچىدە نېمە بار ئىكەن؟›› دەپ سوراپتۇ.

       سودىگەر بىرھازا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن: «سېۋەتنىڭ ئىچى قۇرۇق تۇرمامدۇ؟›› دەپتۇ.

      بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹شۇنداق، مەن بۈگۈن بەش، ئالتە بېلىق تۇتۇپ بولدۇم، بىراق بايا بىر مۈشۈك كېلىپ بېلىق سېۋىتىمنى ئۆرۈۋەتتى، نەتىجىدە ئۇ بېلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنە سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئويلاپ بېقىڭ، ئەجەبا مەن مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئۆيگە قايتىپ كېتىشىم كېرەكمۇ؟ ياق، مەن قايتىپ كەتمەسلىكىم كېرەك، چۈنكى مېنىڭ قارماق دەستەم تېخى بار، ئۇنىڭدا يەنە داۋاملىق چوڭ بېلىق تۇتقىلى بولىدىغان تۇرسا›› دەپتۇ.

      سودىگەر بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ: ‹‹بوۋا، مەن ئەقلىمنى تاپتىم. گەرچە مېنىڭ كېمەم ۋاقتىنچە ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق مېنىڭ يەنىلا ئىقتىدارىم بار، كىشىلىك قىممىتىم بار، شۇڭا مەن يەنە قايتا باشتىن باشلىسام بولىدۇ ئەمەسمۇ›› دەپتۇ ۋە ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي