باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

چاي تۇخۇم

 

 
  ماتېرىياللىرى: تۇخۇم 10 دانە، خۇش پۇراق چاي ئىككى گرام، كاۋاۋىچىن، قوۋزاقدارچىن، قەلەمپۇر، قاقىلە قاتارلىقلاردىن بەش گرامدىن.

  ئېتىش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى قازانغا سېلىپ، بەش - ئالتە مىنۇت قاينىتىۋېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، شاكىلىنى يەڭگىل ئۇرۇپ چاقىمىز (ئىچىگە چاي سىڭىپ كىرگۈدەك قىلىمىز)، ئاندىن يۇقىرىقى دورا - دەرمەكلەرنى سېلىپ قېنىق چاي دەملەيمىز. چېقىلغان تۇخۇملارنى دەملەنگەن چايغا سېلىپ باشتا كۈچلۈك ئوتتا، كېيىن بوش ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىۋېلىپ سوۋۇغاندا ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. تۇخۇمنى چايدا بەك ئۇزۇن قاينىتىۋەتمەسلىك كېرەك. دورا - دەرمەكلەر بىلەن خۇشىڭىز بولمىسا خاس چاي، تۇز سېلىپ پىشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر