باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

يەكلىمە

               ئازادجان ئىبراھىم

رۇناق تاپسا بىراۋلار يامان كۆرۈپ يەكلىمە،

باشقىلارغا ئىت كەبى كۈندە ھۈرۈپ يەكلىمە،

ياخشىلارغا ھۆمۈيۈپ قاپاق تۇرۇپ يەكلىمە،

ئاقىللارنى ئىش بىلمەس ساراڭ كۆرۈپ يەكلىمە.

 

ھەسەتخورلار جەم بولۇپ ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ،

ئەمەل تۇتسا بىراۋلار ئالىمىز دەپ تالىشىپ،

چۈشۈپ ئۇنىڭ پېيىگە ئوغرى ئىتتەك مارىشىپ.

ئۆزگىلەرنى ئۆزۈڭدىن نادان كۆرۈپ يەكلىمە.

 

ئۆزگىلەردەك سەنمۇ بىر يامانلىقتىن قېچىپ باق،

مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ تۇز تەمىنى تېتىپ باق،

يېتەرسىزلىك قەيەردە سەۋەبىنى تېپىپ باق،

سەۋەنلىكنى ھەرقاچان ئەلدىن كۆرۈپ يەكلىمە.

 

ئىناق – ئېجىل بولۇپ يۇر ئۆزگى بىلەن ئېتىشماي،

ھە دېسىلا يامانلاپ باشقىلارغا چېقىشماي،

دۈشمەنلىشىپ ئۆزئارا بىربىرىڭدىن قېچىشماي،

يېقىنلاشقىن دوست بولۇپ ئۇنى سۈرۈپ يەكلىمە .

 

ئىشى بولسا بىرەۋنىڭ زورلۇق قىلىپ تاشلاتما،

ئۆچەكىشىپ ئۆچ ئېلىپ ئۇنى تولا قاخشاتما،

زەربە بېرىپ ئەلەملىك كۆزلىرىنى ياشلاتما،

ھساۋبى بار دۇنيا بۇ ئۇنى ئۇرۇپ يەكلىمە،

 

ياخشى بىلەن كۈن بويى رەقىپلىشىپ ئېلىشىپ،

توپا سېلىپ ئېشغا كۆرەلمەستىن قېرىشىپ،

بانا تېپىپ ھەرقاچان قەستەن چاتاق تېرشىپ،

ئۇنىڭ ماڭار يولىغا قىلتاق قۇرۇپ يەكلىمە.

 

ئەرچاغلىساڭ ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەرنى شىرچاغلا،

ئۈستا دېسەڭ ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەرنى پىرچاغلا،

يامان دېمەي ھەممىنى ئۆزەڭ قانچە بىرچاغلا،

قىممىتىنى بىرەۋنىڭ بىلمەي تۇرۇپ يەكلىمە.

 

كىمنىڭ ئىشى سەن بىلەن ئۆزگىچىلا يارالساڭ،

ئامەت كېلىپ ناۋادا بەگ ئەمەلدار سانالساڭ،

ئابروي تېپىپ يۈز تېپىپ بىر مۆتىۋەر ئاتالساڭ،

باراۋەرمىز ھامان بىز ئويلاپ كۆرۈپ يەكلىمە.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: رەيھانگۈل