باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

دۇنيادىكى ماينى ئەڭ تېجەيدىغان ئاپتوموبىل نامايان قىلىندى

100 كىلومېتىردا ئاران 1 لېتىر ماي سەرپ قىلىدىكەن

 

 

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 21 - فېۋرالدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، گىرمانىيە ۋولكىسۋاگىن ئاپتوموبىل شىركىتى يېقىندا ئۇلارنىڭ ‹‹دۇنيادىكى ماينى ئەڭ تېجەيدىغان ئاپتوموبىل››نى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىردا ئاران 0.9 لېتىر ماي سەرپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىگىلىنىشىچە، XL1 تىپلىق بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى چىقىرىش ئىقتىدارى ئارانلا0.8 لېتىر بولغان كچىك تىپتىكى دىزېل ماتورى ۋە بىر مۇستەقىل ئېلېكترونلۇق ماتور ۋە باتارىيە گۇرۇپپىسى تەرىپىىدىن تەمىنلەنگەن بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 159 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر