بۇلغارلار ناھايىتى ئەدەپلىك كېلىدۇ. ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ قالغاندا باش لىڭشىتىپ سالام بېرىشىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەنلەر قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ، مەڭزىگە سۆيۈشۈپ كۆرۈشىدۇ.
يول ماڭغاندا، ئەرلەر كۆپىنچە ئاياللارغا يول بېرىدۇ. ئەرلەر بىر - بىرىگە مال-دۇنيا، ئەمەل - مەنسەپ توغرىسىدا سۆز ئاچمايدۇ. ئاياللاردىن يېشىنى ۋە نىكاھ ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ. بۇلغارلاردا چوڭلار ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىدۇ. تاماق ۋاقتىدا چوڭلار داستىخانغا ھازىرلانماي تۇرۇپ، باشقىلار غىزاغا قول ئۇزاتمايدۇ.
بۇلغارلار مېھماندوست كېلىدۇ، مېھمانلارنى – يېقىن - يىراق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىگە تەڭ قاراپ ئوبدان كۈتىۋالىدۇ. يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا بولكا ۋە تۇز سۇنۇش بۇلغارلارنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ، مېھمان ساھىبخاننىڭ قولىدىكى بولكىدىن ئېلىپ ئۈستىگە ئازراق تۇز سېپىپ ئاغزىغا سالىدۇ.