باش بەت | چولپانلار

دۇنيا ناخشا خانىشى - ئادېل

      ئادېلنىڭ ‹‹19›› ناملىق تۇنجى ناخشا پلاستىنكىسى مېركۇرىي مۇزىكا مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ھەمدە ئەنگىلىيە مۇزىكا شەرەپ تاختىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ پىلاستىنكىنىڭ ئەنگلىيەدىكى سېتىلىشى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. «21»ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى 18مىليونلۇق رېكوردنى ياراتقان. دۇنيا مىقياسىدا جەمئىي 26مىليون پارچە ناخشا پلاستىنكىسى سېتىلغان. 2012 - يىلى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا گۈزىلى نامزاتىدا 14 - ئورۇندا تۇرغان.

  2012 - يىلى ئادېلغا نىسبەتەن دۇنيا ناخشا مۇنبىرىدە مۆجىزە ياراتقان يىل بولغان. ئادېلنىڭ ناخشا ئاۋازى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئالقىشقا ئېرىشتى. گرەممېي مۇكاپاتىدىن ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپاتىغىچە، ئادېل مۇكاپاتنى تازا ئالدى. ‹‹يىللىق ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا››، ‹‹ئەڭ مودا ناخشىچى››، ‹‹يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا››، ‹‹يىللىق ئەڭ ياخشى ئىجادىيەتچى›› قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئالتۇن قىممىتىدىنمۇ ئارتۇق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، مۆجىزە ياراتقان. بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا ‹‹دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى››دا، 2012 - يىلدىكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە زاتلار شەرەپ تاختىسىدا ئادېلنىڭ ئالتۇن تىزىملىككە نامى چىقىرىلغان، ئىقتىساد جەھەتتە ئۇنى زور مەنپەئەتلەندى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ‹‹21›› ناملىق ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بەش مىليون پارچە بولۇپ، قىممىتى14 مىليون فوندستېرلىڭ، ئۆزىنىڭ ئابروي قىممىتى 20 مىليون فوندستېرلىڭغا ئۆرلىگەن.

  ئادېل قانداق قىلىپ بۇنداق زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن؟ قانداق قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا ئادېل قىزغىنلىقىنى قوزغىغان؟ قانداق قىلىپ دۇنيادا 21 مىليون پارچە ناخشا پلاستىنكىسى ساتالىغان؟ چۈنكى ئۇنىڭدا مول سېھرىي كۈچ بار. چۈنكى ئۇنىڭ يېقىملىق توم ئاۋازى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالالىغان. كىشىنىڭ قەلب تارىسىنى چېكەلىگەن ناخشا تېكستلىرى، ناخشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا تىترەپ چىققان ئالاھىدە ناخشا ئاۋازى ئارقىلىق تىمتاسلىقنى، سوغوقلىقنى بۇزۇپ كىشى قەلبىنى ۋىللىدە ئىللىتالىغان. ئۇ قەلب ئاۋازى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھەببەتتە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان ياشلارنى تەسىرلەندۈرەلىگەن. ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئاۋاز بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە غەيرىي ئۇسلۇبتىكى كېيىنىش، چاچ - پاسۇنلىرى، ئۆزى ھەققىدىكى مىش - مىش پاراڭلىرى بولۇنۇپ باقمىغان. ئادېل 1988 - يىلى5 - ئاينىڭ5  - كۈنى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا جاز مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن.  14 يېشىدىن باشلاپ ئاھاڭ ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن. 18 يېشىدا لوندوندا سەنئەت فاكۇلتىتېنى پۈتتۈرگەن، مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا نۇرغۇنلىغان مۇزىكانتلار بىلەن بىللە سەييارە ئويۇن قويۇشلارغا قاتناشقان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: رەيھانگۈل