باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

گىرادۇس ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىدىغان كۆزەينەك

      ئەنگليەدىكى بىر تەرەققىيات شىركىتى تېخى يېقىندىلا «كۆز توغرىلىغۇچى» ناملىق يېڭى تىپتىكى كۆزەينەكنى ئىشلەپچىقارغان. بۇ تىپتىكى كۆزەينەك بىر جۈپ ئەينەكتىن پايدىلىنىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىيرىلما ئەينەك تېخنىكىسى قوللىنىلغان، كۆزەينەك پۇتى ئۈستىدىكى ئايلانما بۇرىغۇچىنى بۇراپ، ئىككى پارچە ئەينەك ئارىسىدىكى ئارىلىقنى ئۆزگەرتكىلى، بۇ ئارقىلىق كۆزەينەك تاقىغۇچىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش ۋە كۆز تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

      دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 670 مىليون كىشىنىڭ ئۆز كۆزىنىڭ گىرادۇسىغا ماس كېلىدىغان كۆزەينىكى يوق ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بىز لايىھەلىگەن بۇ خىل كۆزەينەكنىڭ نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرگە خېلى ئەسقاتىدۇ. چۈنكى ئۇ دۆلەتلەردە كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرگۈچىلەر ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولغانلىقتىن، يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كۆزەينەككە ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ ئاز».

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي