باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىلاردا يەتتە خىل ئەقلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش

      ئىنساننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يەتتە تەرەپتىن ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان بىر ئىقتىدارنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەربىيەلىمەسلىك كېرەك. بۇنداق تەربىيە بوۋاق تۇغۇلۇشىدىنلا باشلىنىشى كېرەك.

      كۆپ خىل ئەقلىي ئىقتىدار نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ھەربىر ئىنسان يەتتە خىل ››ئەقلىي قابىلىيەت‹‹كە ئىگە ئىكەنمىز ياكى يەتتە تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىقلىقى ئىپادىلىنىدىكەن. بەزىلەر قولىنى ئىششلىتىشكە ماھىر بولىدىكەن، بەزىلەر شېئىر يېزىشقا ماھىر بولىدىكەن. بەزىلەر ناخشا ئېيتىشقا ماھىر كېلىدىكەن. ھەربىر تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدار بىزگە مەلۇم نەرسىنى بۇ دۇنياغا تەقدىم قىلىشنى ئاتا قىلغان. سىزنىڭ ئۆزىڭىزلا بولالىسىڭىز، مېنىڭمۇ ئۆزۈملا بولالىشىمنىڭ ئۆزىلا ھەربىر ئەقلىي ئىقتىدارنى تۇرمۇشىمىزدىكى ئىپادىسى بولۇپ، ھەربىر ئادەم باشقىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ.

      مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا تۇرغان بالىلارغا بەك بالدۇرلا كەلگۈسىدە ئالىم، بوغالتىر، سەنئەتكار، تەنھەرىكەتچى بولىسەن، دېگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىق كېرەك.

      كۆپ خىل ئەقلىي ئىقتىدارنى چۈشىنىش شەخسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كۆپ دىققەت قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر ئادەم شېئىر يېزىش ياكى گېئومېتىرىيەلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمىسە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. كۈندىلىك تۇرمۇش خۇددى ماشىنا ھەيدىگەنگە ياكى تاماق ئەتكەنگە ئوخشايدۇ، بىر ئادەمدە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدار بولغاندىلا، ئاندىن تۇرمۇشقا تاقابىل تۇرالايدۇ. يەككە ئىقتىدا بىلەن ھاياتقا ماسلىشىش تولىمۇ قىيىن توختايدۇ.

      تىل قابىلىيىتى

      مۇخبىر، ئادۋوكات ۋە يازغۇچىلار دائىم تىل قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر يېزىقچىلىق ياكى سۆزلەش ئارقىلىق باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدۇ.

      لوگىكا ئىقتىدارى

      كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان لوگىكىلىق ماتېماتىكا ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ يەكۈنى ۋە تەپەككۇرىغا ماھىر بولىدۇ. ئالىملار، باغالتىر ۋە كومپيۇتېر پىروگراممىسىنى تۈزگۈچىلەر ئاساسەن مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ.

      رەسىم سىزىش قابىلىيىتى

      بۇ يەنە بوشلۇق ئەقىلىي ئىقتىدار دېيىلىدۇ، بۇ سىزىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشقا باغلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يۆنىلىشكە ئەگىشەلەيدۇ ياكى كۆرۈش سېزىمى ۋە رەسىمنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

      مۇزىكا قابىلىيىتى

      بۇنداق ئەقلىي قابىلىيەت مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ ئاھاڭنى توغرا چىقىرالايدۇ ۋە ئوخشىمىغان مۇزىكىلارنىڭ تاللانمىلىرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

      جىسمانىي ئىقتىدارى

      شەخسنىڭ ھەرىكەتچانلىق ئىقتىدارى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلالايدۇ. بۇ ئوچۇقچىلىقتىكى ھەرىكىتىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى زال ئىچىدىكى ھەرىكىتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. خۇددى كىيىم تىككەنگە ۋە گىلەم توقىغانغا ئوخشاش.

      ئادىمىيلىك ئىقتىدارى

      بۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا جاۋاب قايتۇرۇش، باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە باشقىلار بىلەن بىللە ئىشلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ.

      ئۆزلۈك ئىقتىدارى

      بۇنداق كىشىلەر چوڭقۇر خىيال سۈرۈشكە مايىل ۋە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا ئاساسەن يېقىنلىشالايدۇ. ئۆزىگە خاس ئادىمىيىلىك ئىقتىدارغا ئىگە ئادەم ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنالايدۇ ۋە خىيالچان كېلىدۇ.

      بالىلارنىڭ بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە غەلىبە قىلغۇچىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلرى بالىلاردا ئىپادىلەنگەن ئوخشاشمىغان ئىقتىدارلارنى تونۇپ يېتىلىشى كېرەك. بەزى بالىلارنىڭ مۇزىكا قابىلىيىتى كۈچلۈك كېلىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ مۇزىكا قابىلىيىتى ئۈستۈن بولىدۇ. مۇھىمى چوڭلار بالىلارنى ئۆزىنى ئىپادىلەتكۈزۈشى كېرەك. ئەگەر بالىلاردا ئۆزى ياقتۇرىدىغان ساھەنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولسا، يەنە ئۇلار ئۆزى ئانچە ماھىر بولمىغان ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەردە ئەقىللىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

      بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقىدارىنى ئېچىش قانچە بالدۇر بولسا، شۇنچە ياخشى، ئەڭ ياخشىسى بالا ئىش بىلگىچە ساقلاپ تۇرماي، تۇغۇلغاندىن باشلاپلا تۇتۇش قىلىش كېرەك. بالىنى بىر ئادەم چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك يەتتە خىل ئەقلىي ئىقتىدارغا ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش كېرەك.

مەشىقلەندۈرۈش جەريانىدا، ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ ئارتۇقلچىلىقىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئەمما بىر تەرەپلىمە ھالدا ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا زورلىماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئارتۇقچىلىقلار بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار گەرچە نۇرغۇن ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ بالىسىنى تەربىيەلىگەن بولسىمۇ، كېيىن بالىسىنىڭ قىزىقىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ.

      بىراق، بىز بەزى بالىلارنىڭ تۇغما تالانتنىڭ ناھايىتى بالدۇر ئاشكارىلىنىپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا ئاساس سالىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايمىز. بۇنداق ئالاھىدە تۇغما تالانت ئىگىسى ياكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق بالىلارنى ئالاھىدە تەربىيەلەپ، ئۇلارنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بالدۇر ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي