باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرى ئەترەتنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

لى جۈنلىڭ

      ئەترەت تەشكىلاتىنى بىر ئائىلە دەپ قارىساق بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بۇ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ئەترەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ئەترەتنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› ھېساپلىنىدۇ. ئەترەتنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› ئاساسلىقى ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› ۋە پىيونېرلارنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. تەشكىلات قاتلىمىدىن چوڭ ئەترەتنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى››، ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى››، كىچىك ئەترەتنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. كونكرېت خىزمەت مەزمۇنىغا ئاساسەن بازا قۇرۇلۇشىنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى››، پائالىيەتنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ‹‹كىچىك ئىشلىرى›› سۆزلىنىدۇ.

      ئەترەت كادىرلىرى ئەترەت تەشكىلاتىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پىيونېرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنىدا ئوخشاش بولمىغان خىزمەت تەقسىماتى بار. ئەترەت كادىرلىرى ئالدى بىلەن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

      نوپۇزلۇق بىر تەربىيەچى ئىلگىرى بىر مەكتەپكە بېرىپ، چوڭ ئەترەت كادىرىدىن بىرقانچە سوئال سوراپتۇ: ‹‹بىز ئەترەتتە قانداق ۋەزىپە ئۆتەيسىز؟››. ‹‹سىز ئادەتتە قانداق ئىشلارنى قىلىسىز؟›› بۇ تەشكىلات ھەيئىتى تازىلىق، ئىنتىزام، قىزىل گالىستۇك تاقاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن باشقا ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك جىم تۇرۇپتۇ. بۇ نوپۇزلۇق تەربىيەچى ئىنتايىن خۇرسىنغان ھالدا ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىگە: ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە ئەترەت خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دەرۋەقە، تەربىيەچىلەرنىڭ ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى››غا بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىسا ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئۆز خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىسى ئېنىق بولمايدۇ – دە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ.

      ‹‹ھورۇن ئوقۇتقۇچىغا ئاپىرىن ئوقۇيلى›› تېمىسىدىكى ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: مەكتەپ خەرىتە سېتىۋېلىپ ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرگە تارقىتىپ سىنىپقا چاپلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 4 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ مەسئۇلى جاڭ مۇئەللىم خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى، ئۇ خەرىتىنى ئالغاندىن قەيەرگە چاپلاش توغرىسىدا قايتا – قايتا ئويلىنىپ ئۆزى ئورۇن تاللاپ، ئورۇننى ئۆلچەپ خەرىتىنى تامغا چاپلايدۇ. 4 – يىللىق 2 – سىنىپنىڭ مەسئۇلى لى مۇئەللىم نىسبەتەن ‹‹ھورۇن››راق بولغاچقا ئوتتۇرا ئەترەت كادىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تارقىتىپ، ئاددىي تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزلىرى چاپلاشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوخشاش بىر ئىشنى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىشى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جاڭ مۇئەللىم خەرىتىنى ئۆزى چاپلاپ سىنىپ مۇدىرىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغان، ئەكسىچە لى مۇئەللىمنىڭ ئۇسۇلى ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ يارقىن گەۋدىلەندۈرگەن. چۈنكى، پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ تەشكىلاتى، پىيونېرلار ئەترەت كوللېكتىپىدا ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلىشى كېرەك. ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئەترەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. لى مۇئەللىمنىڭ ‹‹ھورۇن››لىقى ‹‹ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش››نى پىيونېرلارغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدۇر. ئۇ بىرقانچە ئەترەت كادىرىنىڭ خەرىتە چاپلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇپ خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىدىن خۇشال بولغان. ئۇلار گۈزەل – سەنئەت ۋە ماتېماتىكا دەرسىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئىشلىتىپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل بىلەن خەرىتىنى چاپلىغان. جاڭ مۇئەللىمنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ياكى ياخشى كۆڭلى بىلىپ – بىلمەي ئوقۇغۇچىلارنى بىر قېتىملىق چېنىقىش پۇرستىدىن مەھرۇم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ‹‹كىچىك ئىشلىرى››نى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغاندا ئەترەت كادىرلىرى بارلىق زېھنىنى ئەترەت خىزمىتىنى پىلانلاشقا سەرپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەشتە چوقۇم ‹‹بىر ئىلگىرىلەپ، بىر چېكىنىش››تەك خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەترەت تەشكىلاتىنى بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، ئۆزى بىر قەدەم چېكىنىپ، ھەربىر ئەترەت كادىرىنىڭ خىزمەت ئورنى بولۇش، ھەربىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ خوجايىنلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

‹‹تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەت پىروگراممىسى )سىناپ يولغا قويۇلىدۇ(››دا 4 – يىللىقتىكى پىيونېرلارغا مۇنداق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ‹‹ھەربىر ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنى بولۇش، ھەممە ئادەم خوجايىن بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ‹‹ئەترەتتە كىچىك خىزمەت ئورنىنى كۆپ تەسىس قىلىش››، ‹‹خىزمەت ئورنىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىش››، ‹‹خىزمەت ئورنىدا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش›› قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى. بۇ يەردە ئېيتىلغان ‹‹كىچىك خىزمەت ئورنى›› ئەترەتنىڭ ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى›› بازىسىنى كۆرسىتىدۇ. پىيونېرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمەت ئورنى بار، ئەترەت كادىرلىرىنىڭچۇ؟ ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ‹‹خىزمەت ئورنى ئېڭى››نى تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى››نى ياخشى قىلىش ھەربىر تەربىيەچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئەترەت كادىرلىرىنى ‹‹كىچىك ئائىلە ئىشلىرى››نى ياخشى قىلىشقا يېتەكلىگەندە تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنىڭ خىزمەتتە تۆۋەندىكى بىرقانچە پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەك.

      1. مۇلازىمەت پىرىنسىپى: ئەترەت كادىرلىرى كىچىكىدىن باشلاپ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆگىنىشى، خەلقنىڭ چاكىرى بولىدىغان ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى، پىيونېرلارنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىشنىڭ ئەترەت كادىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، پىيونېرلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، پىيونېرلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. تەربىيەچىلەر ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق ئەترەت كادىرلىرىنى كوللېكتىپ ۋە باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

      2. دېموكراتىيە پىرىنسىپى: ئەترەت كادىرلىرى خىزمەتتە ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ئۇسلۇبىنى يېتىلدۈرۈپ، دېموكراتىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پىيونېرلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكىدىغان خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. تەربىيەچىلەر دېموكراتىك سايلاش، ئەترەت كادىرلىرىنى دېموكراتىك باھالاش، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى قاتارلىق ئەترەت كادىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دېموكراتىك تۇرمۇش ئارقىلىق ئەترەت كادىرىنىڭ ئۆز تەشكىلاتتىكى ئورنى ۋە رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئەترەت كادىرلىرى پىيونېرلارغا باراۋەر، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش ئۆگىنىپ، پىيونېرلار ۋە ئەترەت تەشكىلىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

      3. ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپى: ئەترەت كادىرلىرىدا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان خوجايىنلىق ئېڭى بولۇشى، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەشنى ئۆگىنىۋېلىپ، پىيونېرلار ئارىسىدا باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنى پائالىيەتنى مۇستەقىل پىلانلاشقا، بازا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن قابىلىيەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ، پەيدىنپەي پىيونېرلارنىڭ باشلامچىسى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

      4. ئىجادكارلىق پىرىنسىپى: ئەترەت كادىرلىرى مەكتەپ ۋە پىيونېرلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئادەملەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەۋر پۇرىقىغا ئىگە، پىيونېرلار يېڭىلىق ھېس قىلىدىغان ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

      5. ئەمەلىيەتچانلىق پىرىنسىپى: ئەترەت كادىرىلىرى ۋەزىپە تەقسىملىگەندە، ئىش ئورۇنلاشتۇرغاندا پىيونېرلارنى كۆپرەك ئويلىشى، پىيونېرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇلارغا ئەمەلىيەت بىلەن چېنىقىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىغا ۋەزىپە تاپشۇرغاندا كۆپرەك مېڭە ئىشلىتىپ ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن ئادەم ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، بارلىق پىيونېرلارغا كوللېكتىپقا تۆھپە قوشىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

      6. قىزىقارلىق بولۇش پىرىنسىپى: ئەترەت كادىرلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان پائالىيەت پىيونېرلارنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە، قىزىقىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلسە پىيونېرلار ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنى خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، پىيونېرلارنىڭ ئەترەت خىزمىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى كېرەك.

      7. ئادىللىق پىرىنسىپى: ئەترەت كادىرلىرى پىيونېرلارنى تەقدىرلىگەن ۋە تەنقىدلىگەندە چوقۇم ئادىل بولۇشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا ئەترەت كادىرى پىيونېرلار ئارىسىدىكى ئابرۇيىنى يوقىتىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ.

 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر