باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

شاھمات تاختىسىدىكى بۇغداي

      بۇرۇنىسىدا، ھىندىستاندا ئويۇنغا ئامراق بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. بىر كۈنى ئۇ ۋەزىرلىرىگە مۇنداق دەپتۇ: مەن كىشىنى زېرىكتۈرمەيدىغان بىر ئويۇنچۇققا ئىگە بولسام دەپ ئويلايمەن، كىمكى ئاشۇنداق بىر نەرسىنى تەقدىم قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ ئىنئام بېرىمەن.

      ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئەقىللىق بىر ۋەزىرى ئۇنىڭغا بىر خىل شاھمات تەقدىم قىپتۇ، شاھمات تاختىسىدا 64 كاتەكچە بار ئىكەن. شاھمات ئۇرۇقىغا ‹‹شاھ ››، ‹‹خانىش››، ‹‹ھارۋا››، ‹‹ئات››، ‹‹توپ››دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر يېزىلغانىكەن. بۇ شاھمات بىلەن تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولىدىكەن – دە، كىشى ھەرگىز زېرىكمەيدىكەن، پادىشاھ بۇنى ئالغاندىن كېيىن ئەقىللىق ۋەزىرگە:

      — مەن ساڭا كۆپ ئىنئام بېرىمەن. ئۆزۈڭ ئېيت، ساڭا نېمە كېرەك. نېمە دېسەڭ بېرىمەن، — دەپتۇ.

      — ماڭا ئازراق بۇغداي دانىچىسى كېرەك، — دەپتۇ ھېلىقى ۋەزىر.

      — بۇغداي دانچىسى؟ بەللى، بەللى، بەللى قانچىلىك كېرەك؟

      — شاھ ئالىيلىرى، سىز شاھماتنىڭ بىرىنچى كاتەكچىسىگە بىر تال، ئىككىنچى كاتەكچىسىگە ئىككى تال، ئۈچىنچى كاتەكچىسىگە تۆت تال، تۆتىنچى كاتەكچىسىگە سەككىز تال... قويۇپ مۇشۇ تەرىقىدە شاھماتنىڭ 64 كاتەكچىسىگە قويۇپ چىقسىڭىز بولدى.

      پادىشاھ ئويلاپتۇ: بۇنىڭغا قانچىلىك كېتەتتى، ناھايىتى كەلسە بىرنەچچە يۈزچىڭ كېتەر، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، ئۇ ئاشلىق باشقۇرىدىغان ۋەزىرگە:

      — ئامباردىن بىرنەچچە تاغار بۇغداي ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلىپ بەرگىن، — دەپتۇ.

      ئاشلىق ۋەزىرى ھېسابلاپ كۆرۈپ بىردىنلا چۆچۈپ كېتىپتۇ – دە، ئالدىراپ بېرىپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا مەلۇم قىپتۇ:

      — مۇشۇ بويىچە ھېسابلايدىغان بولساق، دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئاشلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بەرسەكمۇ، تېخى يەنە گەدىنىمىزدە ناھايىتى نۇرغۇن قەرز قالىدىكەن.

      ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا ھېسابلاش يولىنى شاھقا كۆرسىتىپتۇ:

      2 +... + 2 + 2 + 2 + 1

      (دانە بۇغداي) .615 .551 .709 .073 .744 .446 18 =

      بىر كۇب مېتىر بۇغداي دانىچىسى 15 مىليون دانە چىقىدۇ، مۇشۇ ھېساب بويىچە بولغاندا، ئۇ ۋەزىرگە بىر تىرلىيون 200 مىليارت كۇب مېتىر بۇغداي بەرسەك بولىدۇ، بۇ بۇغداي پۈتۈن دۇنيانىڭ 2000 يىل ئىشلەپچىقارغان بۇغدىيىنىڭ ئومۇمىي يىغىنداىسىنىمۇ كۆپ.

      پادىشاھنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، ئۇ ئالدىراپ ئاشلىق ۋەزىرىدىن سوراپتۇ:

      — ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ ماقۇل بېرەي دېسەم، ئۇنىڭغا ئۆمۈرۋايەت قەرز بولۇپ قالىدىكەنمەن، بەرمەي دېسەم گېپىمدە تۇرمىغان بولۇپ قالىمەن، ئەمدى سەن بىر ئامال ئويلىغىن.

ئاشلىق ۋەزىرى ئويلاپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ:

      — بىرلا ئامال بار، سىز چوقۇم گېپىڭىزدە تۇرۇشىڭىز، كېرەك، شۇنداق قىلسىڭىز پۈتۈن خەلق سىزنى ياخشى پادىشاھ ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ.

      — مەندە ئۇنچە كۆپ بۇغداي بولمىسا قانداق قىلىمىز؟

      — بۇيرۇق بىلەن ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئاچتۇرۇڭ، ئاندىن سىزگە شاھمات تەقدىم قىلغان ھېلىقى ۋەزىرنى تەكلىپ قىلىپ – دە، ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك بۇغداينى بىر – بىرلەپ سانىۋالسۇن.

      — بۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

      بىر سېكۇنتتا ئىككى تالدىن بۇغداي سانىسۇن دەيلى، — دەپتۇ ئاشلىق ۋەزىرى ھېسابلاپ كۆرۈپ، — كۈنلىكى 12 سائەت بۇغداي سانىسا، 43 مىڭ 200 سېكۇنت بۇغداي سانايدۇ، مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ئون يىل بۇغداي سانىسا، ئاران 20 كۇب مېتىر بۇغداي سانىيالايدۇ، ئەگەردە ھېلىقى ساندىكى بۇغداينى ساناپ بولىمەن دېسە، بۇنىڭغا 290 مىليارت يىل كېتىدۇ. ئۇ قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە زېرىكىشلىك تۇرمۇش كىشىنى ئازابلايدۇ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە، ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقارمامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئويلايمەنكى، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدىغان ئۈنچىلىك نۇرغۇن بۇغداي دانىچىسىغا ئېرىشىش ئەمەس، پەقەت بۇ دۆلەتتە ئۆزىدىنمۇ ئەقىللىق ئادەمنىڭ بار – يوقلۇقىنى سىناپ كۆرۈشتىن ئىبارەت. پادىشاھ خۇشال بولغان ھالدا ئۇنى ماختاپ:

      — قارىغاندا، ئۇنىڭدىن ئەقىللىق ئادەم سەن ئىكەنسەن، دۆلەتنى ئەقىللىق ئەربابلار باشقۇرسا، دۆلەت روناق تاپىدۇ مەن ئىككىڭلارنى ئوڭ – سول قول ۋەزىر قىلىپ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدىم، — دەپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹چەت ئەل ئەقىل - پاراسەت ھېكايىلىرى تەھرىر: مېھراي