تۇخۇم سېرىقى مېيىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك تېرە يارىسى، باش تەمرەتكىسى، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، كۆيۈك ئاغرىقىنى توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار .
تۇخۇم سېرىقى مېيىنى چىقىرىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن توخۇ تۇخۇمىنى سۇدا پىشۇرۇپ، سېرىقىنى ئايرىۋېلىپ قازانغا سېلىپ، سۇس ئوتتا سۇ تەركىبى يوقالغۇچە قورۇساق تۇخۇم سېرىقى مېيى چىقىدۇ. ئۇنى قۇرۇق بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ قويۇپ، لازىم بولغاندا ئىشلەتسە بولىدۇ.