باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

‹‹توڭلاتقۇ كېسىلى››دىن ئېھتىيات قىلىڭ

      توڭلاتقۇ ‹‹بىخەتەرلىك ساندۇقى›› ئەمەس. چۈنكى، ئۇ باكتېرىيەنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ھەتتا بەزى باكتېرىيەلەر توڭلاتقۇدا كۆپىيىپ، يېتىلىپ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      توڭلاتقۇدا ساقلانغان يېمەكلىكلەر مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنمىسا ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى باكتېرىيەلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ناھايىتى تېز كۆپىيىپ، مېۋە – چېۋە، كۆكتات، بېلىق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئاسانلا بۇلغايدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئوبدان ئىسسىتىلىپ ياكى ياخشى پىشۇرۇلۇپ ئىستېمال قىلىنمىسا ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      ئەگەر توڭلاتقۇدا ساقلانغان سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ھەددىدىن كۆپ ئىستېمال قىلسا ئاشقازان بىلەن ئۈچەي تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، قان تومۇرلار بىردىنلا قورۇلۇپ كېتىدۇ – دە قان ئايلىنىش نورمال بولمايدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىمۇ توختاپ، كۆكرەك تۇيۇقسىز ئاغرىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلاردا سوغۇق ساقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، قوسۇش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، توڭلاتقۇغا سېلىنغان يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە ئىلىپلا يېمەسلىك كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر